3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش ئورۇنلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىپ، يېقىن ئەتراپتا ئەملەش، پىرىنسىپ جەھەتتە رايون ئاتلاپ ئەملىمەسلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش-ئەملەشنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بالىلارنى ئەملىتىش ئېھتىياجى بارلار «ئۈرۈمچى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى<乌鲁木齐免疫规划>» ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسى ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش رەقەملىك ئامبۇلاتورىيەسى، تېلېفون، ئۈندىدار، QQ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ ئەملەتسە بولىدىكەن.
(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ مېڭرەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ)
«学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى