تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەلپىن ناھىيەسى: تور ۋە تور سىرتىدا تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقنى ئىلگىرى سۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر دىلاۋۇر خەۋىرى): «سىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشۈڭلارنى ئاڭلاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن رېمونت قىلىشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم، چوقۇم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياخشى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىمىز.» 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ كەلپىن بازىرى قارا كۈت كەنتىدە، يان تېلېفوننىڭ كۆرۈنمە چاستوتىسىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىسى ئەمەتجان قۇربان كۆپ مەنپەئەتلەندى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، قانداق قىلىپ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سۈپەتلىك ئۇرۇق تاللاش، قانداق قىلىپ ئىلمىي، مۇۋاپىق ئوغۇتلاش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى قانداق رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەر كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. كەلپىن ناھىيەسى دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، «تور سىرتىدا» تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپلا قالماي، تور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بۇلۇت سۇپىسى» دەرسخانىسى، ئۈندىدار كۆرۈنمە چاستوتىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دېھقانلارغا ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  كەلپىن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى ئورمان باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنىرى ئەخەت ئەلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە تور ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەملىك تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى