سىز ئۇيقۇدىكى توغراقنى بىلەمسىز؟
ئۇيقۇدىكى توغراق، ئىسمىدىنلا قاتتىق «ئۇيقۇ»دىكى توغراق، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. توغراق مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرىسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ. توغراق مەزمۇت روھنىڭ، كۈچلۈك ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرى 14-تۇەننىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە بىر توغراقلىق جىلغىسى بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 35 مىڭ مو كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىدا قۇرۇپ كەتكەن توغراق تەخمىنەن %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. ھەر كۈنى قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، پاتقاندا، مەنزىرە رايونىدىكى توغراقلارنىڭ ئەگمىلىرى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، فوتو سۈرەت ئىجادىيەت قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى