3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدا ساياھەتچىلەر بالىلىرىنى ئويناتماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دوۋ شىڭجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 16 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئىللىق باھار شامىلى 24 پەسىل ئىچىدىكى «ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىشى»نى ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. پۈتۈن زېمىن باھار تۈسىگە تولغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بالىلىرىنى باغچىلارغا ئاپىرىپ گۈزەل باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى. شۇ كۈنى، مۇخبىر شۈيموگوۋ باغچىسىغا كىرگىنىدە، قۇشلار يېقىملىق سايرىشىپ، قۇياش نۇرى پۈتۈن باغچىغا تەكشى چۈشۈپ، ياۋا ئۆردەكلەر سۇدا لەرزان ئۈزۈپ يۈرەتتى، بۇ مەنزىرىلەر كىشىگە باھارنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇراتتى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدا بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە سۇ ئوينىماقتا.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدا بالىلار ئويۇنچۇق ئوينىماقتا.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدىكى كۆلدە سۇ ئۈزۈۋاتقان ياۋا ئۆردەكلەر.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدا بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە سۇ تاپانچىسى ئوينىماقتا.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدىكى ئوت-چۆپلەر كۆكىرىشكە باشلىدى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شۈيموگوۋ باغچىسىدىكى كۆلدە ياۋا ئۆردەكلەر ئۈزۈپ ئوينىماقتا.