تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق ئۈچ نۇقتىلىق تاشيول تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ لۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى G0711 لىنىيەسىدىكى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G315 لىنىيەسىدىكى يېتىمبۇلاق - چاقىلىق تاشيولى، G575 لىنىيەسىدىكى باركۆل - قومۇل تاشيولىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

«قۇرۇلۇش خادىملىرىمىز ۋە ئۈسكۈنىلىرىمىز ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى، ئىشچىلار جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنە ۋە خادىملارنى كۆپەيتىپ، تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جۇڭگو قاتنىشى شىنجاڭ قاتناش سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭبو.

شۇ كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى «ئالتە توغرىسىغا، ئالتە ئۇزۇنىسىغا» تاشيول تورى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، باشلىنىش نۇقتىسى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە، ئاخىرقى نۇقتىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە، ھەم لوپنۇر - 35 - تۇەن تاشيولى تۈرى بىلەن ئۇلىنىدۇ، تۈر مۇساپىسى 318.5 كىلومېتىر؛ G315 لىنىيەسىدىكى يېتىمبۇلاق - چاقىلىق تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يېتىمبۇلاق بازىرىنىڭ ئۈچ كىلومېتىر شەرقىدە، ئاخىرقى نۇقتىسى چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، ھازىرقى G218 لىنىيەسى بىلەن تۇتۇشۇپ، چاقىلىق - نىيە بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىگە ئۇلىنىدۇ، يول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 295.44 كىلومېتىر؛ G575 لىنىيەسىدىكى باركۆل - قومۇل تاشيولى شىمالدا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسىدىن باشلىنىپ، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى كۇيسۇ تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىگە تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا G312 لىنىيەسى بىلەن S235 لىنىيەسى كېسىشكەن يول ئېغىزىدا S235 لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، يول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 76 كىلومېتىر.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى 54 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 35، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 14. بۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسىدىن 1482 كىلومېتىرى تاماملىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول 5500 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇلىدۇ، ئۈچ ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ 2 - دەرىجىلىك تاشيوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، 10 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىدۇ، ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ.

تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ھەرقايسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىش، مەخسۇس پويىز قاتارلىق «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلىدىغان خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلار تۈر قۇرۇلۇشى ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا كىرىشىنى ئاكتىپ ماسلاشتۇردى. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان 35 تۈردە ئارقا - ئارقىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 28 تۈردە 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، قالغان تۈرلەردە ھاۋا رايى ئامىلى سەۋەبىدىن 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ