تىيانشان تورى خەۋىرى: «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹ئىككى كومىتېت›ىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، ياردەم بېرىشى بىلەن بىزنىڭ بەش مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۈزۈم تەكلىرىمىز ئېچىلىپ، باراڭلارغا ئېلىنىپ، تەك ئېرىقلىرىنىڭ تۇپرىقى پاكىز تازىلاندى!» پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان ھوشۇر ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
ئابدۇراخمان ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئوڭ پۇتىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان، خوتۇنىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى بار ئىدى. ئابدۇراخمان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكلەرنى ئېچىپ، ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭلارغا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچى تىتىلدىدى.
ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كىچىك ئەترەت تەشكىللەپ، ئابدۇراخماننىڭ تەكلەرنى ئېچىشىغا ياردەملەشتى. كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، 5.5 مو يەردىكى تەكنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى ھەمدە بارلىق ئۈزۈم تاللىرى باراڭلارغا ئېلىنىپ، تەك ئېرىقلىرى پاكىز تازىلاندى.
(ماقالىنى تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن شېن جيې تەمىنلىگەن)