تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن): بۈگۈن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭ ئەتراپىغىچە بولغان ئارىلىقتا 4~5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي، خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزى رايونلىرىدا سەككىز بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئوتتۇراھال كۈچلۈكلۈكتىكى بىر مەيدان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھازىر شىمالىي شىنجاڭغا يېتىپ كېلىش ئالدىدا بولۇپ، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق سىم-سىم يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4 بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا 5~6 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن.
بۈگۈن 4~5 بال قىيپاش شەرق شامىلى(سەككىز بال ئۆتكۈنچى شامال)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسى دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسى مايتاس شامال رايونى، S221 تولى كونا شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسى ئالتاي قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى رايونى بۆلىكى، G30 لىنىيەسى خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى سەيۋوپۇ ئۆتۈشمە بۆلىكى، S116 لىنىيەسىنىڭ K3تىن K15كىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.