تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوتەندىكى 1800دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچى ئۈرۈمچى، سانجىغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى

3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 1800دىن ئارتۇق ئىشلەمچى خادىم T6728 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككى جايغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 16دىن 04 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 1800دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئولتۇرغان T6728 قېتىملىق مەخسۇس پويىز ئاستا - ئاستا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، سانجىدىن ئىبارەت ئىككى جايغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنى باشلايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كارخانىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئابلىمىجىت ھوشۇر گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى چارباغ كەنتىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆيىدە بەش جان بولۇپ، ئىككى مو يېرى بار ئىدى، تۇرمۇشى بىرقەدەر نامرات ئىدى. كەنت ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىمغا ئالدۇردى، «ھۆكۈمەت بىزگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، مەن جەزمەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىمەن».

ئابلىمىجىتقا ئوخشاش، بۇ 1800دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ ھەممىسى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى قالپىقى تاشلىۋېتىلمىگەن ئون ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى»دىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس پويىز شەكلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يەتكۈزۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرى قوبۇل قىلغان 1000دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇ شەھەرنىڭ يەتتە رايونى، بىر ناھىيەسىدىكى كارخانىلار ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قارىمىقىدىكى 15 دۆلەت كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاڭ خېڭيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىر تەرەپتىن كارخانىلارغا ئالدىن چوڭقۇر چۆكۈپ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئىش ئورنى سانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش تىزىملىك دەپتىرىنى تۇرغۇزدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان جاي بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، خادىملارنى تەشكىللەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملارنى بىخەتەر يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «كارخانا قوبۇل قىلغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالايدۇ، مائاش كىرىمى ئېيىغا 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنىڭ تۇرۇپ قېلىشى، مۇقىم تۇرۇشى، ياخشى ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى تاڭ خېڭيى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈي جۇڭشەن مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى بۇ قېتىم 800دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلدى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا سانجى شەھىرى، ماناس ناھىيەسى ۋە ئۈچ سانائەت باغچە رايونىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. «بىز قوبۇل قىلغۇچى جاي تولۇق تەييارلىق قىلىپ، بۇ تۈركۈم خادىملارنىڭ ياتاق، تاماقلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلارنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلىگەندىن كېيىن، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، ھەممە ئادەمنىڭ ئىش ئورنى بولۇش، ھەر كۈنى كىرىمى بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى يۈي جۇڭشەن.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مەخسۇس پويىز شەكلىدە، تۈركۈم - قېتىمغا بۆلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قالپىقى ئېلىپ تاشلىۋېتىلمىگەن ئون ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى