پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈمنى پىلانلاش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش پۇختا تىرەك ۋە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇل ئەسلىھە، كەسىپلەر تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك، شۇنداقلا بۇنىڭدا ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ بار، مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىلىك ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەردە ئىشنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، زاپاس ساقلاپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشى، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى مەسئۇل بولغان نۇقتىلىق تۈرلەرگە قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشنى %100 ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ تېزدىن جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش باشلاشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ تەھلىل قىلىپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاپ، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈرلەردە ئىش باشلاش شارائىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنى تېزلىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشنىڭ جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىش باشلاش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 3 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا ئىش باشلىغان تۈرلەرنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈر زاپىسىنى رەتلەپ، پىلانلاپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق خىزمىتى، مۇھىم تەدبىرلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، سەھىيە، مائارىپ، شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۈمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پائال پىلانلاپ، «بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش»تەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سىياسەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختا تۇتۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، جاۋ چىڭ، رېن خۇا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.