3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى نەنسەندىكى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىشنى مەشق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلار يەنىلا كۈمۈش رەڭ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، گۈزەل قار مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشنى كۈتمەكتە. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرى، پۇقراۋى قونالغۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى.
3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى نەنسەنگە جايلاشقان بىر پۇقراۋى قونالغۇدا، خىزمەتچى خادىم سۇ زىيۈەن ئاممىۋى رايوننى دېزىنفىكسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فۇ شياۋبو فوتوسى
3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى نەنسەنگە جايلاشقان شىنجاڭ خۇاليەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى بۆلجۈرگەن ئۈزۈش پارنىكىدا، دېھقان خې جيەن بېقىۋاتقان ھەسەل ھەرىلىرىنى كۆرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى نەنسەندىكى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فۇ شياۋبو فوتوسى
3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى نەنسەنگە جايلاشقان شىنجاڭ خۇاليەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، مەسئۇل خادىم دوۋ فۇچياڭ گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فۇ شياۋبو فوتوسى