تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2110 نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە ئىش باشلاندى

ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىلگىرىلىشى تېز بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يىللىق نامراتلارنى يۆلەش تۈر پىلانىدىن 5286نى بېكىتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە 2110ىدا ئىش باشلانغان، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ پىلان تۈرى سانى، مەبلەغ سوممىسى، ئىش باشلاش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىردەك ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە %90تىن كۆپرەك تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كەسىپ تەرەققىياتى زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرى ئازلىقتىن كۆپەيدى، كىچىكلىكتىن زورايدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغنى تۈرگە ئەگەشتۈرۈپ ماڭدۇرۇش، تۈرنى يىرىك پىلانغا ئەگەشتۈرۈپ ماڭدۇرۇش، يىرىك پىلاننى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ئەگەشتۈرۈپ ماڭدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» «بىردە ئېشىپ كېتىش»، نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىشىدە «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش»، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى تاشلىشىدا «بىرگە يېقىنلىشىش» ئۆلچىمى ۋە يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، «توققۇز قىزىل سىزىق»قا تېگىشنى قاتتىق چەكلەپ، تۈر بېكىتىشنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇشى ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كەنت ئىلتىماس قىلىش، يېزا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ناھىيە تەكشۈرۈپ بېكىتىش» تەرتىپى بويىچە، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈر ئامبىرىنى يېڭىلاپ، تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ، ئامبارغا كىرگۈزۈلىدىغان تۈرلەرنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى باھالاپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى تۈر سۈرئىتىنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قەرەللىك ھالدا ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تۈر خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئەسكەرتتى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئالغا سىلجىتىلىشى بىرقەدەر ئاستا تۈرلەرگە بىرمۇبىر «تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ»، ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ تۇرپان شەھىرى مالىيەنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ تۈرلىرىگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

2019 - يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يىللىق كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈر قۇرۇلۇشى پىلانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، چېتىلىدىغان مەبلەغ 29 مىليارد 454 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 9 مىليارد 310 مىليون يۈەننى، تۈردىن 479نى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ 2019 «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ كېلىشىم ئىمزالىغان مەبلەغ 31 مىليارد 700 مىليون يۈەن، تۈر 176 بولدى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىم كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى