تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملايمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېينى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى زور ئىلھاملاندۇردى −

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملايمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋۇخەنگە بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى زور ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭدىن بىزار بولماي، بوشىشىپ قالماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەيمىز. مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملايمىز.

يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپ، غەيرىتىمىزگە ئىلھام بەردى

ماناس ناھىيەسى گۇاڭدۇڭدى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باۋ شۈگاڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېن ھېسسىياتىم، چىن قەلبىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى، ھەربىر ھالقىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۇتۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىلتىماس - تەلىپىگە قۇلاق سالىمەن».

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: <ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.» 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئېلى بارات مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، يېتەكچى كەسىپ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مۇقىم تۇرۇش، پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەيمىز، ئۆزئارا تولۇقلايمىز».

بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئېگىز تۆبە يېزىسىنىڭ ئېگىز تۆبە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ماۋ يۈنخۇا مۇنداق دېدى: «بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ماڭىمىز».

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىككى بازا بار، بىرى، دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش بازىسى، بىرى، مەھەللىدىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بازىسى. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن كوچا باشقارمىسى لىيۈەن مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ خۇڭنىڭ بۇ جەھەتتە چوڭقۇر تەسىراتى بار: «بۇ مەيدان يۇقۇم ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى. مەھەللىمىزدىكى <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاھالە پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلار بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ھەم قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى شۇ ھامان ھەل قىلدى».

«يېزا - كەنت كادىرلىرىنىڭ ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسى ئەڭ قويۇق، ئاچقۇچلۇق پەيتتە بىز جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.» بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى تامغىن زەڭگىن كەنتىنىڭ كەنت كادىرى سېلىمگۈل بۇ كەنتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالدى، «بىز باشتىن - ئاخىر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرمۇ بۇلۇڭ - پۇچقاقنى قالدۇرۇپ قويماي، خىزمەتنى ئىنچىكە، يەنىمۇ ئىنچىكە ئىشلەيمىز».

دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىمىز

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، قەشقەر تەيكۈن يەم - خەشەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى. شىركەت پۈتۈن كۈچ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باقمىچى ئائىلىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گو سۈيچۈەن مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش، تەييار مەھسۇلاتنى توشۇشنى ياخشى ئىشلەپ، چارۋىچىلىق يەم - خەشىكى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز».

«بىز يەنىمۇ كۈچەپ، يەنىمۇ تىرىشىپ، ھەربىر ئىشنى ئەستايىدىل قىلىش ماھارىتىمىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىمىز» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئالدىنقى سەپ پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قاراقاش ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ساۋ جۇڭمىڭ «ھازىر، قاراقاشتىن شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان 500 ئەمگەك كۈچى بار، بىز يەنە يۈز نەچچە ئادەمنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ، بىر ئائىلىدە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىر ئادەمنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى ساۋ جۇڭمىڭ.

(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ياۋېن، رايىدە، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خې چۈنيىڭ، ليۇ شياۋبىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى