تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا نۇرغۇن جايلار ھۆددە ئايروپىلاندا ئادەم ئەكىلىپ، تېزلىكتە ئىش ئورنىغا قايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن، ما يىنىڭ خەۋىرى): بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ھۆددە ئايروپىلانى كەسپىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىشلەمچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا ئىش ئورنىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ چېڭدۇدىن 170 ئىشلەمچىنى قايتۇرۇپ كەلدى، ئۇلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ئايروپىلان ئالمىشىپ خوتەنگە يېتىپ بېرىپ، قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ شۇ جايدىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا كىرىشىپ كەتتى.

  سىچۇەن ميەنياڭدىن كەلگەن ئىشچى ۋاڭ باۋتيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىش قىلمىساق پۇل تاپالمايمىز، كۈندىن- كۈنگە جىددىيلەشتۇق، قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانى بىلەن بىز خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، تېزدىن ئىش باشلىدۇق ، كۆڭلۈم ئەمدى ئارامىغا چۈشتى.»

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى خوتەن ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن يېزا تاشيولى ۋە دۆلەت، ئۆلكە تاشيولى غول لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرە ئالغان بولۇپ، سىرتتىن كېلىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ شىنجاڭغا قايتىشتىكى قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆددە ئايروپىلانىنى ماڭغۇزۇپ، ئىشچىلارنىڭ بىخەتەر، ۋاقتىدا شىنجاڭغا قايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتقان.

  3-ئاينىڭ 7-كۈنىلا، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ 389 ئىشچى-خىزمەتچىسى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ھۆددە ئايروپىلاندا بىخەتەر شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ خىزمەت ئورنىغا ئاتلانغان.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18:40 ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ UQ3628 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا ئوڭۇشلۇق قوندى، چېڭدۇدىن يولغا چىقىپ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان 186 ئىشلەمچى ئايروپىلاندىن چۈشتى. بۇ قېتىمقى ھۆددە ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلار ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش خادىملىرى.

  «ئەسلىدىكى پىلاندا يۈەنشياۋ بايرىمىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتماقچى ئىدۇق، ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن پىلانىمىز پۈتۈنلەي قالايمىقان بولۇپ كەتتى.» دېدى سىچۈەن سۈينىڭلىق يېتەكچى ئىشچى جاڭ شەن. ئۇلار سۈينىڭدىن مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن، يەنە ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتقان. ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بارلىق ئىشلەمچىلەر ئىدارىنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشتىن كېيىن، رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققان.

  ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يەنە باشقا ئىككى قېتىملىق ھۆددە ئايروپىلانى ئايرىم-ئايرىم ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە، چېڭدۇدىن خوتەنگە ئۇچقان، ئىككى قېتىملىق ھۆددە ئايروپىلانى جەمئىي 300 نەچچە ئىشلەمچىنى توشۇغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ