تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلارنى يۆلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى «بوشلۇق يولى» راۋانلاشتۇرۇلدى، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بەردى


  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلاردىن ۋاڭ سۇ، جاڭ سىۋېي، چېن دۇلىن خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نامراتلارنى يۆلەپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «بوشلۇق يولى» بەرپا قىلىپ، زاكاز قىلىنغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بەرگەن.

  سۈرەتتە: خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىش ئورنىغا قايتىشتىكى زاكاز قىلىنغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى.

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى، «جەنۇب» ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جېڭجوۋ-ئۈرۈمچى-كۇچا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ھۆددە ئايروپىلانى يۇڭچېڭ، شىنشياڭ قاتارلىق جايلاردىكى خېنەن ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 164 خادىمىنى شىنجاڭغا توشۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى؛ خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ۋە شيامېن ئاۋىياتسىيەسى ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ جېندې داۋالاش بۇيۇملىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 55 خادىمىنى لەنجوۋدىن بورتالاغا توشۇدى؛ خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CA9609 نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاراماي شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ 150 خىزمەتچى خادىمىنى ئېلىپ، لەنجوۋ جوڭچۈەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ قاراماي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.

  مۇخبىرنىڭ «جەنۇب» ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، «جەنۇب» ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا نامراتلارنى يۆلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆددە ئايروپىلانىدا جەمئىي 12 قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى 2000دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە توشۇغان.

  ئىگىلىنىشىچە، نامراتلارنى يۆلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «بوشلۇق يولى»نى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «جەنۇب» ئاۋىياتسىيەسى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردا تۇرۇشلۇق تىجارەت بۆلۈملىرىنىڭ تەۋەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش رايونلىرىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا بولغان ئېھتىياجىنى كۆپ نۇقتىدىن توپلاپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» نامراتلارنى يۆلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆددە ئايروپىلانى تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ خاسلاشقان توشۇش تەلىپىگە تېزلىكتە ئاۋاز قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنە ئالاھىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئايروپىلان تىپىنى تېزلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوشلۇق قاتنىشى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇش ۋاقىتلىق لىنىيەسى ئىلتىماس قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش ۋاقتىنى تېجەپ قالغان؛ ھەمدە مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن بېلەت چىقىرىشنى تاماملاپ، ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىپ، خاسلاشقان مۇلازىمەتنى ياخشى قىلغان.

  سۈرەتتە: ئايرودۇرۇم خىزمەتچىلىرى ئىش ئورنىغا قايتقان خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  مۇخبىرنىڭ خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى شيامېن ئاۋىياتسىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان 55 خىزمەتچى خادىم شىنجاڭ «جېندې» داۋالاش بۇيۇملىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى ھۆددە ئايروپىلانىدا ئىش ئورنىغا قايتقان خادىملىرى ئىكەن.

  1-تۈركۈمدىكى 20 ئىشچى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى جېڭجوۋدىن ئالاتاۋ ئېغىزىغا يېتىپ بېرىپ، 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مۇخبىر بۇ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى تاڭ جوڭمىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جېندې» داۋالاش بۇيۇملىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خېنەن، ئەنخۇي، جېجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا زاۋۇتى بار بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇم مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنى تەمىنلەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، لەنجوۋ ۋە جېڭجوۋدا بىۋاسىتە بورتالاغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بولمىغانلىقتىن، بۇ ئىككى تۈركۈمدىكى ئىشچىلارنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى باشقا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىش ئورنىغا قايتىشتىكى زاكاز قىلىنغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا جەمئىي بەش قېتىم توشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىنىپ، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ جەمئىي 677 ئادىمى شىنجاڭغا توشۇلغان.

  نامراتلارنى يۆلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىخەتەر «بوشلۇق يولى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يۇقۇم مۇداپىئە تەدبىرلىرىدە كەسكىن بولۇپ، ئايروپىلان كۈتۈش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، رەسمىيەت بېجىرىش، ئايروپىلانغا چىقىش قاتارلىق ھالقىلارغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، «جەنۇب» ئاۋىياتسىيەسى نامراتلارنى يۆلەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش پۇكەيلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش يېشىل يولىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش تەرتىپىنىڭ تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ راھەت، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى