تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى

ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ چېگرا بويىدىكى كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا ئىستولبا تىكلىنىپ سىم تارتىش باشلاندى... 3 - ئايدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ 172 تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى، بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشۈرگىنى چۈشۈرۈپ سۇ ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە يەكەن دەرياسىنىڭ 673 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى توسۇپ ساقلاش پىلانلاندى. ئاراتاشتا ئېقىن باشلاش ئۆڭكۈرىنى توسۇش بۇ يىللىق قۇرۇلۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى 4 مىليون نوپۇس، 6 مىليون 500 مىڭ مو سۇغىرىش رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈندىن ئۆتۈش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

جۇڭخې يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنخۇا توك تارقىتىش شىركىتى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گېڭ شىنچۇن مۇنداق دېدى: ھازىر، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئەسلىدىكى نىشان بويىچە تاماملاشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلماقتا ھەم يىل ئاخىرىدا توك تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆۋەن ئېقىندىكى 4 مىليون خەلققە بەخت يارىتىدۇ.

ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان نىيە ناھىيەسى نىيە سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش، توك تارقىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇمچە ھازىرلىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شۇ جاي ئۈچۈن يېڭىدىن 40 مىڭ مو سۇغىرىش كۆلىمىنى كۆپەيتكىلى، 100 مىڭ مو سۇغىرىش كۆلىمىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەپلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نىيە ناھىيەسى 300 توننا سېمونت، 120 توننا پولات چىۋىق ھەمدە ماسكا، بەدەن تېرمومېتىرى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، تۇمانلاشتۇرۇش دورىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ئىشچىلارغا يېڭى، يېتەرلىك يېمەكلىكلەرنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى.

خوشۇت ناھىيەسىدىكى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولغان بوسىئامۇ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش تۈرىدە 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى. بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى 36 ئاي بولۇپ، 2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن بۇرۇن تولۇق تاماملاش مۆلچەرلەندى.

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى 2 - تاشيول قۇرۇلۇشى ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرىنىڭ 150 نەپەر ئىش ئورنىغا قايتىدىغان خادىمى ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىئەندىن كورلىغا يېتىپ كەلدى، ئاندىن ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىغا بېرىپ، يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلدى.

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ چېگرا بويىدىكى كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش باشلاندى، نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش خادىملىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن، تۈۋرۈك تىكلەپ سىم تارتىش خىزمىتىنى باشلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، كورلا - گولمۇد تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، كېرىيە ئايرودۇرۇمى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرىدۇ؛ جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈر يولى، شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى باشلايدۇ؛ خوتەن - چاقىلىق تۆمۈر يولى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ