تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش - ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

تۈر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش - ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر تۈرمۇتۈر تەتقىق قىلىنىپ، ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سانائەت ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، سانائەت مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ، مالىيە مۇقىم بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسەت يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرنى تۇتقا قىلىپ سانائەت سېلىنمىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك نورمال يولغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتىش، ئىش ئورنىغا قايتىش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «13 - بەش يىل»لىق خىزمەتنى خۇلاسىلەش، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى پىلانلاشنى كۆزلەپ، ماكرولۇق تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۈر ئېڭى»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپلەر سىياسىتى، مۇھىت ئاسراش سىياسىتى ۋە كەسىپلەر يىرىك پىلانىغا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىش باشلاشنى تۇتۇپ، سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈمنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلەرنى پىلانلاش، زاپاس ساقلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەر مەخسۇس تۈرى، ئۇل ئەسلىھەلەر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان، كەسىپلەر سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزىراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى داۋاملىق چوڭقۇر پىلانلاپ، زاپاس ساقلانغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ۋاقتىدا ئايلىنىشى ھەم ئىش باشلاش، قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، نۇقتىلىق سانائەت تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر ھەمدە نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى