شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز تەدبىر چىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنى ۋاقتىدا مۇكاپاتلايدىكەن. مۇكاپات تۈرى تەقدىرلەش، تۆھپە يېزىش، چوڭ تۆھپە يېزىش، نام بېرىش قاتارلىق تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇكاپاتلاش دائىرىسى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتكە قاتنىشىش داۋامىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، بولۇپمۇ گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان داۋالاش كوللېكتىپلىرى ۋە شەخسلەر، نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرى، قالدۇرۇپ كۆزىتىش كېسەلخانىلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان تېببىي خادىملارغا مايىللاشتۇرۇلىدىكەن.
سىياسەت - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىپادىسى گەۋدىلىك، بىرقەدەر زور تۆھپە قوشقان، ئۆز ئورنىدا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىغان داۋالاش كوللېكتىپلىرى ۋە شەخسلەر تەقدىرلىنىدىكەن؛ بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، ئۆز رايونى، ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىدە بىرقەدەر زور تەسىر پەيدا قىلغان داۋالاش كوللېكتىپلىرى ۋە شەخسلەرگە تۆھپە يېزىلىدىكەن؛ مۇھىم، زور بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە مۇھىم، زور تەسىر پەيدا قىلغان داۋالاش كوللېكتىپلىرى ۋە شەخسلەرگە چوڭ تۆھپە يېزىلىدىكەن؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ باھالاش - تەقدىرلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتكە قاتنىشىش داۋامىدا تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان داۋالاش كوللېكتىپلىرى ۋە شەخسلەرگە نام بېرىلىدىكەن.
تەقدىرلەنگەن، تۆھپە يېزىلغان، چوڭ تۆھپە يېزىلغان داۋالاش كوللېكتىپلىرى ۋە شەخسلەرگە ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابلىرى مۇكاپات گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆھپە يېزىلغان، چوڭ تۆھپە يېزىلغان شەخسلەرگە مېدال تارقىتىلىدىكەن، تۆھپە يېزىلغان، چوڭ تۆھپە يېزىلغان كوللېكتىپلارغا تەقدىرنامە تارقىتىلىدىكەن.