تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە رىغبەتلەندۈردى −

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار - ئاممىنى تولۇق غەيرەتكە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كۈچەپ ئىشلەيمىز

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنى بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىققا رىغبەتلەندۈردى.» جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى ۋاڭ شىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، سىياسەت، مەبلەغنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئاممىۋى مەنپەئىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشكە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز چوقۇم قەتئىي جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)لىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ شىڭباۋ مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات رايونى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنى، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نى بىرلەشتۈرۈپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى ئىش ئورنى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دىققەتنى <ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست> قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك».

«بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شيا جيەنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئاساسىي تۈزۈم بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئورنىنى ئالغۇسىز مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى «دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش، دەل جايىدا چېكىندۈرۈش» قاتارلىق تەلەپلەر بويىچە، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۈپ سانىنى ئېنىقلاش، توغرا ئېنىقلاش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ياخشى پايدىلىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىدۇ.

«نامراتلىق سەۋەبىدىن بىرمۇ بالىنىڭ ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەنلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇلىدىغان، بېقىلىدىغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالتە تۈردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش ۋە ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىرەر ماھارەتكە ئىگە قىلىپ، ماھارەتكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەش

«نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

«بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن يىڭلىڭ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ھازىر 107 ئەزا ئورنى بار، جەمئىيەت باشلامچى كارخانىلارنى نامرات رايونلارغا بېرىپ زامانىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە چاقىرىق قىلىپ، كەسىپلەرنى ئىمكانقەدەر يېزا - كەنتلەردە قالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى ئىمكانقەدەر دېھقانلارغا قالدۇرۇپ، كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ پايدىسىنى ئىمكانقەدەر دېھقانلارغا قالدۇرۇپ، دېھقانلار، نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى توغرا تاللىغاندا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشتىن ئۈمىد بولىدۇ. «بىز قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن سەككىز <شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى> تۈرى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە باشلامچىسى بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ بازىلاردىكى شىركەتلەر ھەم باشلامچىلار، ھەمكارلاشقان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، كەنت باشقۇرغان زاۋۇتلارنى سېتىۋېلىش سۇبيېكتى قىلىپ، 70 نەچچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، يېڭىدىن قۇرۇپ، كۈندىلىك پىششىقلاش ئىقتىدارىنى 8210 توننىغا، يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرىنىڭ سىغىمىنى 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزدى.» شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ گۇرۇھ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «ياخشى تېرىش، ھوسۇل ئالالايدىغان بولۇش، ساتالايدىغان بولۇش»قا كۈچ قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ.

(مۇخبىر لى چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار لى لىن، گاۋ ۋا، يۈ شى، فۇ شياڭلۇڭ، ۋاڭ يۇڭفېي، جاۋ شىيا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى