تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەت دۇنياۋى ئەھمىيەت

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە 100 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالىشىغا ياردەم بېرەلىگەن ئەمەس، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكى، ئاخىرقى يىلىدا يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، تۈرلۈك خىزمەت، ۋەزىپىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلەپ، بىزنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قەتئىي تاماملاشقا چاقىرىق قىلدى!

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن 2020 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. بۇ يىللاردا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىز جۇڭگوچە نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى»نى يېزىپ چىقتۇق. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملىنىشقا ئاز قالدى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، نامراتلىقنى تۈزەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش لايىھەسى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭغا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما پۇختا ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان.

نامراتلىققا قارشى تۇرۇش قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى چوڭ ئىش. نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا جۇڭخۇا مىللىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە كەلدى، ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتتىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغۇچە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىس يەنىلا مۈشكۈل. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

نامراتلىقنى تۈگىتىش قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلار ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن غايە. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئىزچىل دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ پائال تەشەببۇسچىسى ۋە كۈچلۈك تۈرتكىچىسى بولۇپ كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە پۈتتى. بىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ۋە تەجرىبىلىرىمىز يەرشارىۋى نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە، جۇڭگولا تېز تەرەققىي قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە نامراتلارنى ئازايتىشنى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى، 100 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات نوپۇس ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم تاشلىدى. بۇ، قالتىس دۇنياۋى مۆجىزە، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخىرلىنىشىگە ۋە ئىپتىخارلىنىشىغا ئەرزىيدۇ! دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا كىرگۈزۈلۈشكە مۇناسىپ!

«ئىشنىڭ باشلىنىشى ئاددىي ۋە ئاسان بولسىمۇ، راۋاجلانغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ ۋە قىيىنلىشىدۇ.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ قورغاننى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ رىۋايەتنى پۈتۈپ چىقايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ