تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات ئائىلىلىرىدىكى 1000 ئەمگەك كۈچى دۆلەت كارخانىلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خېيالى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كىيىم-كېچەك سېخىدا كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە. ھازىر خوتەن شەھىرى، مارالبېشى ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى بۇ شىركەتكە ئىشقا ئورۇنلاشتى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى: (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ ئىچىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى 1000 نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن.

  بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى، مەۋقەنى «بىر ئادەمنى يۆلەش، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىشانىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى دۆلەت كارخانىلىرىغا تەشكىللىك يۆتكەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات رايونلاردا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2020-يىلى نامرات ئائىلىلەردىكى 1000 ئەمگەك كۈچى تەشكىللىك يۆتكىلىپ دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىدىكەن، ئەمگەك كۈچى چىقىرىدىغان جاي خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئون نامرات ناھىيە بولىدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 7500دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 53 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كارخانىسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى 2507 ئەمگەك كۈچىنى جەلىپ قىلىشقا تەشكىللىگەن ۋە سەپەرۋەر قىلغان. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ «بىرىنچى شۇجى»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەڭ يۆلەشنى يولغا قويۇپ، 5000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ