تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە 1- شۇجىلارنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە 1 - شۇجىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ يەتتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بوشاڭلىق قىلمايمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ زور ئىلھام ئالدىم، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قابا ناھىيەسى سارتام يېزىسى كۈرمىش كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى يېركېن ئېقېر.

كۈرمىش كەنتى 2014 - يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2019 - يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ 106 يۈەن بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ 709 يۈەنگە يەتتى. «بۇ يىل، 13مىڭ مو يەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6300 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشقا يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز» دېدى يېركېن.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن قاينۇق يېزىسىنىڭ چېجى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى قادېل بايبولات مۇنداق دېدى: «كەنتىمىز گەرچە پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما جۇغراپىيەلىك مۇھىت سەۋەبىدىن، سۇ كەمچىل بولۇش كەنتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر چوڭ ئامىل بولۇپ كەلگەنىدى. ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى زاراڭزا قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، سۇ كەمچىل بولۇشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ھازىر ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە 150 نەچچە نامرات ئاھالىنى پائال ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تەشكىللەپ، نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

2019 - يىلى 9 - ئايدا، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى باغچى كەنتى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىدىن چىلان يېزىسى باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى تاڭ دېجى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى يېتەكلەپ، زېھنىي كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە قويۇپ، ھەربىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، كىچىك ئەگمە پارنىك تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۆش كالىسى باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پاختا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

دەل جايىدا كۈچەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.» 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى بوستانتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لى باۋشې مۇنداق دېدى: بوستانتېرەك كەنتىدە ھازىر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن يەنە 196 نامرات ئاھالە تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، بۇ ھەل قىلىش ئەڭ تەسكە توختايدىغان مەسىلە، ھازىر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. كېيىنكى قەدەمدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار نامرات نوپۇسنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. «بىز ئورتاق تىرىشىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمىسەكلا، بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز» دېدى لى باۋشې.

جۇڭگو خەلق بانكىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئىك قۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى شۈ بىن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش، بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەيمىز. ھازىر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشى، يەم - خەشەكنى زاپاس ساقلىشى ۋە چارۋا مال يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىمىز

چوكان جىلغا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ئىچىدە ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە 521 ئادەم بار، ھازىر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئالاقىلىشىپ، 406 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى چوكان جىلغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى لى زىدۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئورمان ئارىسىدا باقمىچىلىق قىلىش ۋە خاس باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۈزۈمچىلىك چوققاتام كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى، ئەمما ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى يۇقىرى بولمىغاچقا، كىرىم ئىزچىل ئاشمايۋاتقانىدى. تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىن تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى چوققاتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ شىيوۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئەتراپىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم دېھقان ۋاسىتىچىلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللىك يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، جەزىرە نېسىپبېك، جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ياۋېن، جاڭ رۇيلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى