تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي ھۇجۇمىنى قوزغايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ بۇرغىسىنى چېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي ھۇجۇمىنى قوزغىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە مۇتلەق نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى. باش شۇجى سۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا توغرا يۆنىلىش ۋە ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشتا ھەل قىلغۇچ قەدەم بېسىلدى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تۇراقلاشتى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە جەزمەن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستى پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئېغىر نامرات رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەنە ئون ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان، 559 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان 52 ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىغان 2707 كەنتنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى بىرقەدەر زور، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەسىر كۆرسەتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە يەنە ئاجىز ھالقىلار بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىس يەنىلا مۈشكۈل، قەتئىي بوشىشىپ كېتىشكە، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، بىر قېتىم ئاتاكىغا ئۆتۈش بىلەنلا ئاسانلىقچە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. بىز جەزمەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئومۇمىي ھۇجۇم ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي ھۇجۇم مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ھۇجۇم روھىنى ئۇرغۇتۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى