تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

​نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە ھالقىلىق پەيتكە كەلگەنسېرى جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى شۇنچە چىڭىتىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىش ئىرادىسىگە شۇنچە كېلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە قارىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەر تاماملىنىشقا ئاز قالدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتى كۆزلىمىگە ئۇيغۇن. لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتتىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقىچە، دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار يەنىلا مۈشكۈل. مەملىكەت بويىچە يەنە 52 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىدى، 2707 نامرات كەنت نامراتلىق تىزىملىكىدىن چىقىرىلمىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس تېخى تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى، گەرچە ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى، مانا بۇ يېڭىش تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملىشىمىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردى. پەقەت يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىغاندىلا، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرغىلى، پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشتا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى»دە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك. داۋاملىق دىققەتنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. قېپقالغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان 52 نامرات ناھىيە ۋە 1113 نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىش»ى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ» قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشى كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ئالاھىدە نامرات نوپۇسنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشتا، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن چېكىنگەن ناھىيە، نامراتلىقتىن چېكىنگەن كەنت، نامراتلىقتىن چېكىنگەن نوپۇسقا قارىتا، ئاتقا يۆلەپ چىقىرىپ، بىر بۆلەك يەرگىچە ئاپىرىپ قويۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىل ئىچىدە قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى قاتتىق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق باھالاپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى سىلىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ كىرگۈزۈپ، ئۇزۇن - قىسقا بىرلەشتۈرۈلگەن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىپ، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى. بۇ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىنى ھېچقانداق كېمەيتىشكە بولمايدۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، ھېچقانداق چېكىنىش يولى ۋە ئېلاستىكىلىق يوق. ھازىر، ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىندى، بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماي، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان غەيرەت بىلەن ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى