تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ ئاخىرقى ئون نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

ئەتىيازنىڭ سوغۇقى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنمەكتە.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىلا − ھەممىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئون ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، شىنجاڭ 165 مىڭ 800 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىلدا يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىدى، تەلەپلەر تېخىمۇ يۇقىرىلىدى، قانداق قىلغاندا ۋەزىپىلەرنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بىر سوئال.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى كادىرلار، ئامما پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ قىلىپ»، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يەڭدى.

يۇقىرى قاتلامدىن تۈرتكە بولۇش

ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش داۋامىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى كۆپ قېتىم كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايون نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ئون ناھىيە ۋە 559 نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويدى، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچىلىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلدى، ئاپتونوم رايون ناھىيەلەرگىچە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ۋىلايەت، ناھىيەلەر كەنتلەرگىچە ھەيدەكچىلىك قىلدى، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىپ»، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ قىلىپ»، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش تەلەپ قىلىندى. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم بۇ يىل نامراتلىق قالپىقىنى تاشلايدىغان بەش نامرات ناھىيەگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشكىللىدى ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش كەنتتە نەق مەيداندا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «نېمىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نېمە ئۈستىدە جەڭ قىلىش، قانداق ھەيدەكچىلىك قىلىش، قانداق جەڭ قىلىش» بويىچە ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ، ئەمەلىي تەربىيەلەپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

چاغاندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى، ئاپتونوم رايون ۋاقتىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولدى. 2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى؛ يېقىندا ئاپتونوم رايون يەنە 24 كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كەسىپلەرنى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلەرنى يۆلەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرمۇتۈر يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا يەنىمۇ كۈچ قوشتى.

كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش ئېغىر نامرات رايونلاردا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تېزدىن مۇجەسسەملىدى، كادىرلار، ئامما تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن يۈرۈش قىلدى.

دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش

نىشاننى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىش

ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش قانچە مۇھىم پەيتكە كەلگەنسېرى «دەل جايىدا بولۇش»نىڭ مۇھىملىقى شۇنچە گەۋدىلەندى. «يەتتە بىر تۈركۈم» تەدبىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئېغىر نامرات رايونلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، لوپ ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىقى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگە كۆرسىتىش سانائەت باغچىسىدىكىلەر ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سانائەت باغچىسى يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى پائال يېڭىپ، ئۆزى پىششىقلاش، يېقىن ئەتراپتا ھەل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، 53 ئىشچى - خىزمەتچى زاۋۇتتا يېتىپ قوپۇپ، باقمىچىلىق خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇلتۇر سانائەت باغچىسىغا ئىشلىگىلى كىرگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە نۇرزاتخان قادىر مۇنداق دېدى: توشقانچىلىق كەسپىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا گەپ يوق. سانائەت باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۈلېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل سانائەت باغچىسى ھازىرقى 100 مىڭ توشقان بېقىش كۆلىمىنى بىر ھەسسە كېڭەيتىشنى پىلانلىدى، ۋاقتى كەلگەندە 120دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان بەش نامرات ناھىيەدە باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ، شۇ جاي بېكىتكەن 100 مىڭ تۇياق ئېشەك، مىليون تۇياق كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى، 10 مىليون توشقان، كەپتەر، توخۇ، ئۆردەك، غاز ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق كەسىپلەر ھەرقايسى نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلىشىپ ھەم كۆلەملىشىپ، زور بىر تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا دەل جايىدا تۈرتكە بولدى.

قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەگىشىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن تەشكىللەش ۋە ئىشلىتىش شۇ جاينىڭ بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلاندى. نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇقنى قوبۇل قىلدى. بۇ يىل بۇ ناھىيە «بىر ئائىلىدىن بىر كىشى ياكى بىر ئائىلىدىن كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تەلىپى بويىچە، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باغچە رايونىدىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەم ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، ئاقتۇ ناھىيەسى 3000دىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلدى. بۇ يىل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 29 ئائىلىلەرگىچە كىرىش تۈرى ۋە 31 سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ نۇقتىدىن نۇقتىغا شۇ جايدىكى 2300دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسى سالىدۇ.

يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش

سۈپەتنى ئۆستۈرۈش

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قېپقالغان 15 مىڭ 300 كىشىنىڭ بىخەتەر سۇ ئېچىش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىدۇ، بۇ، 2019 - يىلى شىنجاڭ نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە تۇرۇش تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى يەنە بىر بۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن لېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون يەنە ئوقۇشتىن چېكىنىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشى، ئوقۇشتىن چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، تۇبىركۇليۇز قاتارلىق يەرلىك كېسەللەرنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنى تولۇقلاش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ.

ئاقتۇ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چىڭيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» جەھەتتىكى مەسىلىلىرى پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ تەخىرسىز بولۇۋاتقىنى مېخانىزم ئورنىتىش، يولنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامرات خادىملارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. «بىز يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملايمىز» دېدى ۋاڭ چىڭيۇڭ.

«كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قانچە كۈچلۈك بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى، سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.» قەشقەر ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ گېنچاڭ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل تۆت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تېز تولۇقلايدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ، كەسىپ جەھەتتە ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا نېگىزىدىن تىرەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشكە سىجىل كۈچەپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەم «يۇمشاق دېتال» تولۇقلايدۇ، ھەم «قاتتىق دېتال»نى تولۇقلايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ.

«بىر قولدا قېپقالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتىمىز، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى تۇتىمىز.» چېن لېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇس ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان نامرات نوپۇسنى ۋاقتىدا بايقاپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى