تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئىچىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان غەيرەت، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش روھى ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ» قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

دەل جايىدا كۈچەش قىيىن نۇقتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىش

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى سىجىل دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ساپاسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلگەن كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سەۋىيەسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ بىرىنىڭمۇ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكى، نامرات ئەمەس نوپۇسنىڭ بىرىنىڭمۇ نامراتلاشماسلىقى، ئورتاق بېيىش يولىدا بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتتى، كۈچ قوشتى.» قەشقەر ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جېڭ گېنچاڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، قەشقەر ۋىلايىتى مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى توختىماي تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مۇددىتى قىسقا، سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى تېز يولغا قويىدۇ. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئۆز قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش چىشنى چىڭ چىشلەپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنى بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىققا رىغبەتلەندۈردى» دېدى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك 23 رەھبەرنى ناھىيە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىشكە بېكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك 80 كادىرنى تاللاپ ئەۋەتىپ، 500دىن ئارتۇق كەسپىي تايانچ كادىرنى بىرىنچى سەپكە چۈشۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، خوتەن ۋىلايىتى «كەسىپلەرنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» تەپەككۇرىغا ئاساسەن، كەمتۈكلۈكلەرنى ھەقىقىي تولۇقلاپ، ئاساسنى پۇختا سېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىدۇ.

ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم غالىبىيەت مەمەتتۇرغان مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بىرلا غەيرەتكە كېلىپ غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن <باش نىشان> كۆرسىتىپ بەردى، <ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقى> چۈشۈردى، <ئاتاكىغا ئۆتۈش> سىگنالى ياڭراتتى.» ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقتۇ ناھىيەسىدە يەنە 38 كەنت، 2675 ئائىلىدىكى 11 مىڭ 677 نامرات نوپۇس تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي زىممىمىزگە ئېلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغايمىز.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش

«باش شۇجىنىڭ سۆزىدە بىز دېھقانلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر دېيىلىپتۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى قاراقۇچقاچلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت. ئىلگىرى نامرات ئاھالە بولغان ئۇ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە چۈجە چىقىرىش تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ غاز چۈجىسى چىقىرىپ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدى، يەنە باشقا نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە يېتىشتۈرۈش + باقمىچىلىق + ئۇرۇقلۇق تۇخۇم تىجارىتىدىن ئىبارەت كەسىپ ئەندىزىسى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيدۇ.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسىدا، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ھەرقايسى كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى بارلىق دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىش ئائىلىلىرى ۋە چەت - ياقىغا جايلاشقان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا تەشكىللىدى. ياركۆۋرۈك يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ لىچۈن مۇنداق دېدى: بىز نامرات ئائىلىلەر، چەت - ياقىغا جايلاشقان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، يۆلەپ ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق باغۋەنچىلىك ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆكتات، قارامور قاتارلىق ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر نيۇ خەييەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى