تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئامما ئارقا - ئارقىدىن ئۆيلىرىدىن چىقتى، زاۋۇتلارغا كىردى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

ئەۋەتىلگەن كادىرلار كارخانىلاردا تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا نەق مەيداندا ياردەم بەردى؛ دەل جايىدا قەلبنى ئىللىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست كارخانىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

«ھازىر كۆڭلۈم خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى، ھەر ئايدا يەنە مۇقىم كىرىم قىلىدىغان بولدۇم، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا گەپ يوق» دېدى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىنجاڭ خېسەي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئايشىخان مەتتوختى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تەپكىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا.

ئايشىخان مۇغاللا بازىرىنىڭ گۈزەل كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇلتۇر يىل بېشىدا شىنجاڭ خېسەي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئىزچىل تىرىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلدى. «ھازىر مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىم كېرەك» دېدى ئايشىخان.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ خېسەي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىدە 400دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى، ئايشىخانغا ئوخشاش ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق بازىرى ئاتبېشى دۆڭ كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسىپلەر باغچىسىدا، 22 ئىشچى رەڭلىك پولات رامكا ياساۋاتاتتى، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى زاكاز بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى. 2018 - يىلى، كەنت ئاھالىسى ئالىم ئابلا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىلا ئىشلەيمەن، كىرىمىم مۇقىم، يەنە ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن» دېدى ئالىم.

ياردەم بېرىپ، يۆلەپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى چىلۇ سانائەت باغچىسىدىكى شىنجاڭ ئېدىر يۇيۇش بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تەرتىپلىك ئوراپ قاچىلىنىپ سىرتقا توشۇلۇۋاتاتتى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى «بىر كارخانىدا بىر سىياسەت بولۇش، بىر زاۋۇتتا بىر سىياسەت بولۇش» تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈپ، كادىرلارنى كارخانىلاردا تۇرۇپ ھۆددىگە ئېلىش، ئالاقىلىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىر كارخانىدا بىردىن مۇلازىمەت بەنزىسى، بىردىن كارخانىدا تۇرۇشلۇق مەسئۇل كىشىنىڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىش ئورنىغا قايتقان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئاپىرىپ - ئەكېلىش، غىزالاندۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى نۇقتىدىن نۇقتىغا ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش، مەبلەغ قەرزى ئېلىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى كۇچا توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان توك ۋە كۇچا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىنى پار بىلەن تەمىنلەشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ شىركەتنىڭ نورمال، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۇچا شەھىرى ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەڭشەپ يۆتكەپ، يېشىل يول ئېچىپ، بۇ شىركەت سېتىۋالغان دىزېل، ئورىيا، ھاك تېشى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، كارخانىلارنىڭ خادىملارنى تولۇقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلاشتى.

«مۇداپىئە تورى»نى مۇستەھكەملەش

«يەرلىك ھۆكۈمەت بىزنى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ئالدى - كەينىگە چېپىپ تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىزنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئوڭۇشلۇق باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ماكا يالغان چاچ ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ پۇ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرالىشى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلغانلىقىدىن بولدى.

شىركەتكە قايتىپ ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى، نىيە ناھىيەسى داجياڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى زەيتۇنخان بەيدۇللا زاۋۇتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى: بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇش، پۈتۈن بەدەننى دېزىنفېكسىيەلەش، ۋاقىتقا بۆلۈپ غىزالىنىش قاتارلىقلار.

داجياڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى ھەر كۈنى خادىملارنىڭ تۇرمۇش رايونى، خىزمەت رايونىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، تور، تەشۋىقات قوللانمىسى ئارقىلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا پىسخىكا يېتەكچىسى تەكلىپ قىلىپ خادىملارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، خادىملارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچ چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا خادىملىرى ئۈچۈن «مۇداپىئە تورى»نى مۇستەھكەملىدى.

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، پوسكام ناھىيەسى چۇڭشىن سانائەت - سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇن ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى، خىزمەتچى خادىملار ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئوراپ قاچىلانغان خالتا - خالتا ئۇنلار تەرتىپ بويىچە ئىسكىلات سېخىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئارقىدىن ھەرقايسى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش نۇقتىلىرىغا توشۇلاتتى.

«خادىملارنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، خادىملارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ مەسئۇلى مەمەت تۇرسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ