تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تيەنجىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە كارخانىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان 10 ماددا»نى يولغا قويدى

  تيەنجىن بېيفاڭ تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش بويىچە 10 ماددىلىق تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كارخانىلارغا ئۆي ئىجارىسى تولۇقلىمىسى، خادىم ئىشلىتىشتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا ۋە خام ماتېرىيال، قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ناھىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپلىرىنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۆلەش سىياسىتى تۈزۈپ چىقتى.

  تيەنجىن شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شۈ خۇينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلغان «كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە كارخانىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان 10 ماددا»نىڭ نۇقتىلىق يۆلەش ئوبيېكتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ناھىيەدىكى يۇقۇم تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققان شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ناھىيەدە مەبلەغ سالغان، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن، تىجارەت قىلىۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلاردىن ئىبارەت.

  بۇ تەدبىرلەر نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ۋاقتىنچە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ