تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2020 - يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جەزمەن قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ئۇلۇغ ئىش، جەزمەن قەتئىي تاماملاش كېرەك.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يىغىن بولۇپ، مەقسەت پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق - خىرىسلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىدە ئەڭ غەم قىلغان بىر چوڭ ئىش بولۇپ، زېھنىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر يەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغاندا، نامرات كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، «ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بولسا مەن بىئاراملىق ھېس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئازراقلا ياخشىلىنىش بولسا، مەن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن.» 2015 - يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا يەتتە قېتىم مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ، ھەر قېتىم بىر ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بار ئاماللار بىلەن پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرىنىمۇ كەم قالدۇرماسلىق، بىرمۇ كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەر تاماملىنىشقا ئاز قالدى، نامرات نوپۇس 2012 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى 98 مىليون 990 مىڭ كىشىدىن 2019 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى 5 مىليون 510 مىڭ كىشىگە ئازايدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %10.2تىن %0.6كە چۈشتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، نامرات ئاممىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، ئالاقىلىشىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئۇزاق مەزگىل ھەل قىلىنمىغان كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلىگەن ئەمەس، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى مۇجەسسەملەنگەن، كەڭ كادىرلار، ئامما پۇختا ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاخىرقى يىلى، تاماملىنىدىغان يىلدا يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، ھەرگىزمۇ ئاسانلا بىر ھۇجۇم بىلەنلا يەڭگىلى بولمايدۇ، قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرى مۈشكۈل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە قىيىنچىلىق ناھايىتى زور، قىسمەن نامرات ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، بولۇپمۇ يەنە خىزمەتتە بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشتىن ساقلىنىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاتلاممۇقاتلام بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويدى، ۋەدىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، ھېچقانداق چېكىنىش يولى ۋە ئېلاستىكلىق يوق، قانچە كەينىگە بارغانسېرى بۇ كىرىچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك، توختاپ قېلىشقا، سەل چاغلاشقا، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، بۇ بىر ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك، شۇنداقلا بىر بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخقا، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى