تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقان ھۈنەرۋەنلەر نامرات ئائىلىلەرنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ياڭ بىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈن جيەنبىڭ خەۋىرى، فوتوسى): ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا يېزىسى يۇقارقى تېگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەنتتىكى ھۈنەرۋەنچىلىك ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاپ، تارقاق ھالدا كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىدا پىششىقلاپ ئىشلەش، مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىپ سېتىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھۈنەرۋەن دېھقانلارنى نامرات ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئەزىز تاي(سولدىن بىرىنچى) ئوغلى ئەلى ئەزىزگە دۇتار ياساشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىنى ئۆگەتمەكتە.

  56 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ئەزىز تاي كىچىكىدىنلا چالغۇغا ھېرىسمەن بولۇپ، بۇزۇلغان دۇتارنى ئوڭشاشتىن باشلاپ، مىللىيچە چالغۇلارنى ياساشنى ئۆگىنىۋالغانىدى. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يۇقارقى تېگەن كەنتى 12 مۇقام ئويۇن قويۇش ئەترىتى» قۇرۇپ، ئۇنى ئەترەت باشلىقلىقىغا تەينىلىدى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئەلى ئەزىز دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، چالغۇ ياساشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆي جاھازلىرى ياساشنى ئۆگىنىۋالدى. بۇلتۇر، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، «خۇالى ياغاچ جابدۇقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇلۇپ، يەتتە نامرات ئاھالە قوبۇل قىلىندى، شۇ يىلى ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  ئەزىز تاي ئىككى ئوغلىغا دۇتار ياساشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىنى ئۆگەتمەكتە.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئەزىز تاي ئاتا-بالا ۋە كوپىراتىپتىكى باشقا ئەزالار ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ، دۇتار، تەمبۇر، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى ياسىدى، زاكاز تالونى بويىچە خېرىدارلارغا تەمىنلىگەندىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشىغا ياردەم بەردى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۇتاردىن 28ى ياسىلىپ، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1500 يۈەن بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-ترانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا يېزىسى يۇقارقى تېگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە سۈپۈرگە بوغماقتا.

  راخمان تۇرسۇن بىلەن خوتۇنى سۈپۈرگە بوغماقتا.

  39 ياشلىق راخمان تۇرسۇن كەنتتىكى بەييې كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە زەمبۇرۇغ ئۆيىدە ئەمگەك قىلاتتى، باشقا ۋاقىتلاردا كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۈزۈم بارىڭى ياسايتتى، سېمونت ۋە قۇم-شېغىللارنى توپ ساتاتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرەتتى. بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆتەيلەننىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. بۇلتۇر ئەتىيازدا، ئۇ تۆت مو يەرگە ئاق قوناق تېرىدى، كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، ئاق قوناقنىڭ ھەممىسىنى يەم-خەشەك شىركىتىگە سېتىپ بەردى، قىشتا ئۆيىدە ئايالى بىلەن ئاق قوناق شېخىغىدىن سۈپۈرگە بوغدى. ئۇنىڭ ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا، ئۇ بوغقان ئوتتۇراھال سۈپۈرگىنى 25 يۈەنگە، چوڭراقلىرىنى 30 يۈەنگە ساتقىلى بولاتتى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاق قوناق شېخىنى نامرات ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بەردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە سۈپۈرگە بوغۇپ كىرىمنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى