تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس ياغ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاتلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، يىن توڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): كىسلاتاسىزلاشتۇرۇش، رەڭسىزلەشتۈرۈش، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش. چەككىلەش سېخىدا رەت-رەت سېنترىفۇگنىڭ تەرتىپلىك ۋە رەتلىك ئايلانغاندىكى گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، سېخ ئىچىدىكى تۈرلۈك ياغ پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تولۇق يۈكلۈك مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چەككىلەش سېخىنىڭ مەشغۇلات ئۆيىدە، ماسكا تاقىۋالغان ئىسمېنا باشلىقى ۋاڭ بىن مەشغۇلات سۇپىسىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلىي كۆزەتتى ھەمدە سېخقا كىرىپ، سېنترىفۇگنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يېمەكلىك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، دورا ۋە ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۆت تۈرلۈك كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس ياغ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىزچىل يولغا قويغان.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى يېمەكلىك ياغ ئورالمىسىنىڭ لاياقەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە.

  «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، بىز 300 توننا چەككىلەنگەن ياغ، 800 توننا قاچىلانغان ياغ ئىشلەپچىقاردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 600 توننا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپىسى قىلىندى، يەنە 200 توننا ئۈرۈمچى ۋە ئەتراپتىكى بازارلارغا سېتىلدى.» دېدى، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە مالىيە باش نازارەتچىسى ياۋ خۇي.

  مۇخبىر كارخانا ئىسكىلاتىدا، ئوراپ قاچىلانغان گازىر يېغى، قىچا يېغىنىڭ ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىنى، ساندۇققا ئاق قەغەز چاپلىنىپ ئۈستىگە «جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس ئاشلىق يېغى» دېگەن خەتنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆردى.

  «3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس يېمەكلىك يېغىدىن 700 توننا ئىشلەپچىقىرىمىز، 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولۇشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.» دېدى ياۋ خۇي.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاشلىق-ياغ قاچىلىماقتا.

  كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) يەنە ئىسپىرت، مۇداپىئە پەلىيى، مۇداپىئە ئايرىش كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، ماسكا، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ كەلدى. «كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى مەزگىلدە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان خادىملارنىڭ ئولتۇراق رايوندىن چىقىشىغا قارىتا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ باردۇق، بۈگۈن نەق مەيدانغا كېلىپ كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق.» دېدى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېي.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى زاۋۇت رايونىنى يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېتىپ-قوپۇش، تامىقى زاۋۇت رايونىدا بولغان. كارخانىلار ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ياتاق، ئىشخانىلارنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن 48 خىزمەتچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆلچىگەن، خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ھاۋاسىنى ھەر كۈنى ئىككى سائەت ئالماشتۇرغان. خىزمەتچىلەر تاماق يېگەندە تاماقنى بېسىق مەزگىلدىن ئۆتكۈزۈپ يېيىشنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان سېخلاردا 20 مىنۇتتىن ئارىلىق تاشلاپ، تاماق ئېلىش ئۆچىرەت ئارىلىقىنى بىر مېتىردىن ئاشۇرۇپ، تاماقنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ياتاققا ئېلىپ كېتىپ يېگەن.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

    ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بويىچە، بۇ يىل شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ماي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 30 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى تاماملاپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە 4000 توننىغا يېقىن ياغ ئىشلەپچىقارغان.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى جايلارنىڭ ئاشلىق-ياغنى جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جايلارنىڭ يەرلىك تەييار ئاشلىق-ياغنى جىددىي زاپاس ساقلىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ يېڭى ئاشلىق-ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس ئاشلىق-ياغ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ