شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۈي يۈنيەن): 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى كۆپ تۈرلۈك يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى توردا ئىش بېجىرىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر بىر كەسىپنى 24 سائەت ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشقا، ئۈچ خىزمەت كۈنىدە ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەمدە، تۆت قىزىق لىنىيە تېلېفونى ۋە ئۈچ ئالاقە تورىدا مەسلىھەت سوراش سۇپىسى ئاچىدۇ.
قاتناش ساقچى تارماقلىرى يوللارنى كېڭەيتىپ، كەسىپ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «شىنجاڭ ساقچى پوچتىسى يېڭى يىپەك يولى» APPسىنى «قاتناش باشقۇرۇش 12123»نىڭ تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇسۇلى قىلىپ، توردا ئىدارە ئابۇنىچىلىرىنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش بەلگىسى بىلەن تەمىنلەش، نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىنى تولۇقلاپ ئېلىش، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى تارقىتىش قاتارلىق 10 تۈرلۈك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كەسپى بىلەن تەمىنلەپ، تىزىم ئۆزگەرتىش، باشقا جايدا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك يېڭى كەسىپ ئەندىزىسىنى كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ھەر قايسى رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە بىراك قىلىپ يىغىۋالىدىغان كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، پېچەتنى تەكشۈرۈپ بىكار قىلىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بىراك قىلىش كەسپىنى كوللېكتىپ كەسىپ سۈپىتىدە پوچتىدىن ھەقسىز ئەۋەتىپ، قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق تەرتىپنى ئىخچاملاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى يەنە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرىدۇ، يەنە 4S دۇكىنىنىڭ ئالاقە تورىدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى تارقىتىش تەدبىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بۇ كەسىپنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغان 4S دۇكانلىرىغا قارىتا، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنە قوشۇپ بېرىپ، خادىملارنى تەربىيەلەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تارماق ئەترەت ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىنى ئالدىن ئېچىۋېتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانا، ئورۇنلارغا ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلارنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىلىرىنى بېجىرىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كىنىشكا بېجىرىش زالىنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن.