ئاپتونوم رايونىمىز 16 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللىدى
سىياسەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يۇقۇمنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەدبىر» دېيىلدى)نى ئوتتۇرىغا قويدى.
«تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دۆلەت بېسىپ تارقاتقان «كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، رايونغا ئايرىش، ساھەگە ئايرىش، ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئەتراپلىق، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش، ھەم ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش تەشكىلىي كاپالىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
«تەدبىر»دە يەنە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تىجارەت يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا سىياسەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.