تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى شەھىرى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىمۇ، تېرىقچىلىق تەييارلىقىنىمۇ چىڭ تۇتتى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ما فۇئەن خەۋىرى): يېقىندا، سانجى شەھىرىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلار بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى، يەنە بىر قولدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  سانجى شەھىرى بىنخۇ بازىرى يىڭفېڭ كەنتىدە، دېھقانلار پارنىكتا يەر تېرىش، يەر تۈزلەش، يەر سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. پارنىك ھۆددىگە ئالغان دېھقان جاڭ شېڭچياڭ مۇنداق دېدى: «ئىشىكتىن كىرىپلا دېزىنفېكسىيە قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچەپ، ئاندىن مەشغۇلات قىلىمىز. ئۈچ-تۆت كۈنلۈك ئەمگەك ئارقىلىق %80-%70 ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولدۇق».

  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، جاڭ شېڭچياڭ ئىشلەمچى ئىزدەشتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئىنتايىن تىت-تىت بولدى، شۇنىڭ بىلەن سانجى شەھىرى بىنخۇ بازارلىق ھۆكۈمەتتىن ياردەم سورىدى. ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېزلا قايتا ئىشقا چۈشۈپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى قولىغا ئېلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشلەمچى تەكلىپ قىلالىدى. بىنخۇ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى چېن خاۋۋېن مۇنداق دېدى: مايسا يېتىشتۈرۈش ئىشچىلىرىغا تاماقنى ئايرىم يېيىش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىلدا، بەلگىلەنگەن جايدىن ئاپىرىپ-ئەكەلدۇق.

  يېقىنقى مەزگىلدە، سانجى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پەرقلىق ھالدا رايوننى ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، يېزا، بازارلاردىكى دېھقانلارنى تەرتىپلىك ھالدا ئېتىزغا بېرىپ، ۋاقىتقا بۆلۈپ ئېتىزغا بېرىپ، تارقاق ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيەلىك تارماقلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنىڭ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە، سانجى شەھىرى 65 مىڭ توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 3600 توننا ئۇرۇقلۇق، 2000 توننا سۇلياۋ يوپۇق، 2000 توننا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى زاپاس ساقلىدى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى بەلگىلەنگەن جايغا بىر تۇتاش ئاپىرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ