تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ

پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە پوچتا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى، پوچتا باشقۇرۇش مەسئۇل تارماقلىرى شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ياكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈشتە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ۋە پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما بىرتەرەپ قىلىش سورۇنلىرى، تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. پوچتا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى جەزمەن بىخەتەرلىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى «ئىش ئورنىغا چىققاندا چوقۇم تەكشۈرۈش» «خىزمەتتىن قايتقاندا قايتا تەكشۈرۈش» قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈمىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك.

تاشيول باشقۇرۇش تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىلنى توختاتماسلىق، تەكشۈرمەسلىك، ھەق ئالماسلىق ۋە ئالدىن قولاي يول يۈرۈشنى يولغا قويۇشى كېرەك. پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى، ئالاھىدە مۇلازىمىتى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا، ھەرقايسى جايلاردىكى قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى، پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تەكشۈرۈش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى، يېزا تاشيوللىرىدا نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەرقايسى جايلاردىكى پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرى پوچتاليون، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئاساسىدا، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، پوچتاليون، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئولتۇراق رايونى، مەھەللە، خوجىلىق قاتارلىق باشقۇرۇش رايونىغا كىرىپ ئاخىرقى يەتكۈزۈشنى تاماملىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقى تەسىس قىلىنغان باشقۇرۇش رايونلىرىدا، پوچتاليون، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كىرىپ - چىقىشىنى تىزىملاپ ئەنگە ئېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، پوچتاليون، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى بەلگىلەنگەن يول ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقىغا ئالدىن بىۋاسىتە يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى؛ تېخى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقى تەسىس قىلىنمىغان باشقۇرۇش رايونلىرىدا، پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە ئورۇن بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا قوبۇل قىلىش، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا يەتكۈزۈش، ئالدىن كېلىشىپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەھەللە پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خادىملارنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىنى ئازايتىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار پوچتا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئاخىرقى يەتكۈزۈشنى تاماملايدىغان تېز يەتكۈزگۈچىلەر ۋە نۇقتىلىق يۇقۇم رايونىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان شوپۇرلار، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپكارلارغا ماسكا، پەلەي قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئالدىن سەپلەپ بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خادىملارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ