تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ خۇامىن خەۋىرى): كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سانجى يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى رەھبەرلىرى دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، زاۋۇت، كارخانىلارغا كىرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. پەن-تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلاردىكى خادىملارنى كارخانىلارغا بېرىپ يېقىلغۇ گاز، پار، توك ئىشلىتىش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانجى يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خېڭئەن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ خېڭئەن قەغەزچىلىكى دېيىلدى)نىڭ 13 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن سۈرئەتتە ئايلىنىپ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك قەغەزلەرنى ئىشلەپچىقاردى.

  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە مەھسۇلات بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خېڭئەن قەغەزچىلىكى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتتى، بۇ يىل 1-ئايدا مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى.

  شىنجاڭ سانجى ۋاخاخا سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يۇقۇم بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خىزمەتچىلەرگە بولغان تەشۋىقات تەربىيەنى پائال ياخشى ئىشلىدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى پەن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكتە چىڭ تۇردى، 1-ئايدا 700 مىڭ يەشىككە يېقىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مەھسۇلات تازىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆتكەلنى قاتتىق تۇتۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە كارخانا كۈچىنى قوشتى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى