تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىلچە بوشاشماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتىمىز بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى −

قىلچە بوشاشماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتىمىز بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىلچە بوشاشماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا تەرەققىياتنى كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، داۋاملىق قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ، پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

كۈنەس ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى گاۋ مېيلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوختۇرخانىمىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالايدۇ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتمايدۇ.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، ھەم بىزنىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇشىمىزنى مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىز قەتئىي تۈردە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىمىز».

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» قەشقەر تەيكۈن يەم - خەشەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گو سۈيچۈەن مۇنداق دېدى: «بىز قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قولدا كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىمىز».

«ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى قىسقا مۇددەتلىك، ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇەيگۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگىلا دەخلى يەتكۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش ئورنىغا تەرتىپلىك قايتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، تۈرلۈك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، خەن چىنيەن، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ