تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ چيەنشى، ساۋ لى خەۋىرى، فوتوسى): كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى نۇقتىلىق كارخانىلار، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.
شىنجاڭ بېيشەن كانچىلىق چەكلىك شىركىتى شىركەتكە كىرمەكچى بولغان شوپۇرلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.
2- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشقا بىرتۇتاش ئەھمىيەت بەرگەن. ھازىرغىچە، 44 كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا ئىچىدە 28ى نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلىغان.
چاغان مەزگىلىدە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ھەرقايسى كارخانىلاردىكى تېخنىكا خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاغان ئۆتكۈزگىلى ئۆيىگە قايتقان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋەبىدىن زاۋۇتقا كېچىكىپ قايتىدىغان بولغاچقا، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋاقىتلىق كەمچىل بولغان، بۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم تېخنىكا ئورۇنلىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئالتە كەسىپتىن 42 نەپەر كەسپىي تېخنىكا تايانچ خادىمىنى تاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى زاپاس ئامبىرى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باشقۇرۇش كومىتېتى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارغا كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلغان.
شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئورگانىك ئىشلار بۆلۈمى BDO سېخىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.
2- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %32كە يەتكەن. كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى نازارەت قىلىش، تەھلىل قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا بولۇش، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ۋە سۇ، توك، گاز كاپالىتى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ ياردەم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارغا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈش قەغىزى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم قىلغان.