تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ قايتىش سەپىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ خەۋىرى): كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جايلاردا قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى كۆپەيدى، شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى قاتناش قوراللىرى ۋە مەيدان، بېكەتلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يولۇچىلارنىڭ ساغلام سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقىرى پەللىدىن چەتنىتىپ قايتىش سەپىرىنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنسىز بېلەت ساتماي، ئورۇن ئايرىپ بېلەت سېتىشنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلار نىسبىتىنى %50 ئەتراپىدا كونترول قىلدى. «يولۇچىلار نىسبىتىنى كونترول قىلغاندىن باشقا، ھەر قېتىملىق پويىزدا ۋاقىتلىق ئايرىش رايونى سۈپىتىدە بەلگىلىك ئورۇن قالدۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، قىزىپ قالغان يولۇچىلارنى ئالدى تەرەپتىكى تەكشۈرۈش پونكىتى بار بېكەتكە ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ، يەرلىكتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تېببىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قانات يايدۇردۇق.» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى.

  بۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار ۋوگزالغا كىرگەن ۋە ۋوگزالدىن چىققاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولغان يولۇچىلارنى سەھىيە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ ۋوگزال ۋە پويىزلارنى تازىلاش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن؛ يولۇچىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىش ئۈچۈن، پويىزدا «يولۇچىلار ئۇچۇرىنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇپ، ۋوگزالغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋوگزالنىڭ يىغىۋېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ھەمدە تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. بارلىق تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونىدىكى خىزمەتچىلەر، نۆۋەتلىشىپ دەم ئالغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ساغلاملىق تىزىملىك جەدۋىلى تۇرغۇزۇلىدۇ: تاشيول مۇلازىمەت رايونىدىكى سودا، يېمەك-ئىچمەك، ھاجەتخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ كىرىش ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش كۈچەيتىلىپ، بىنورمال ئەھۋاللار ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنىدۇ؛ مۇلازىمەت رايونىدىكى ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىدا ھەر ۋاقىت تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى يېقىندا T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ پورتتىن چىقىش زالىنىڭ 1-ئىشىكىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، ئىسسىقلىق ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇچراشماي تۇرۇپمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمالسىز كىشىلەر بايقالغاندىن كېيىن، قاراتمىلىق ھالدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆلچىگەن.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا قىزىپ قالغان يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن توققۇزى، ئىنچىكلەشتۈرۈلگەن ئىش ئورنىدىن 32سى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر كۈنى 185 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئاممىۋى رايونى ۋە ئەسلىھەلىرى ئۈچ قېتىمدىن كۆپرەك دېزىنفېكسىيە قىلىنىۋاتىدۇ؛ لىفىت، ئىتتىرىش ھارۋىسى، يولۇچىلار ئورۇندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئۈچ قېتىمدىن كۆپرەك دېزىنفېكسىيە قىلىنىۋاتىدۇ؛ ئاممىۋى ھاجەتخانىغا باكتېرىيەگە قارشى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سەپلىنىپ، ئايروپورتتىكى ئۈچ ئاۋىياتسىيە بىناسىدا ھەر كۈنى 20 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ئالماشتۇرۇلۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكى كۈنىگە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىۋاتىدۇ ھەمدە ئىتتىرىش ھارۋىسى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بولغان دېزىنفېكسىيە نۇقتىلىق كۈچەيتىلىۋاتىدۇ؛ مەخسۇس ئەخلەت ساندۇقى تەسىس قىلىنىپ، ماسكا بىر تۇتاش يىغىۋېلىنىپ مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ