شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋىرى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كېچىكتۈرۈلگەنلىك ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوقۇغۇچى يولۇچىلارنىڭ بېلەت ۋاقتىنى ھەقسىز ئۆزگەرتىش، بېلەت قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى.
2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (2-ئاينىڭ 11-كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (3-ئاينىڭ 31-كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گىچە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئەمەلىي توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان دۆلەت ئىچى، خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بازار تەرەپنىڭ دۆلەت ئىچى كودىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغان ئوقۇغۇچىلار سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئەسلىدىكى بېلەت سېتىۋالغان جايغا بېرىپ ئىشلەتمىگەن يولۇچىلار بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ؛ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئورۇن زاكاز قىلىش خاتىرىسىنى بىكار قىلغان ئوقۇغۇچىلار يولۇچىلار بېلىتى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئەسلىدىكى بېلەت سېتىۋالغان جايدا يۇقىرى پەللىدىن چەتنىتىپ بېلەتنى ھەقسىز قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ۋاقتىنى (ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى) ئۆزگەرتمەكچى بولسا، سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن يولۇچىلار بېلىتى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 24 سائەتلىك خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24 تىن بۇرۇنقى ئوخشاش لىنىيەدىكى باشقا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا بىر قېتىم ھەقسىز ئۆزگەرتسە بولىدۇ، بېلەت باھا پەرقى ھەمدە ئۆزگەرتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ؛ ئەگەر ھەقسىز ئۆزگەرتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىش ياكى بېلەت قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، بېلەت ئىشلىتىش شەرتىگە ئاساسەن ماس ھالدا ھەق ئېلىنىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقىرى پەللىدىن چەتنىتىپ ئەسلىدىكى بېلەت سېتىۋالغان جايغا بېرىپ بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، بېلەت قايتۇرغاندا «ئىختىيارسىز بېلەت قايتۇرۇش»نى تاللاپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.