تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جىددىي پەيتتە خىسلىتىنى نامايان قىلىش «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇش

− پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى جاسارەت بىلەن ياخشى قىلماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن خۇي، خەلق گېزىتى مۇخبىرى مېڭ شياڭفۇ

ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق يۇقۇم ئۆيگە قايتىدىغان نۇرغۇن قەدىملەرنى ئۈزۈپ قويدى، نۇرغۇن كۈندىلىك تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇردى.

يۇقۇم ئالدىدا، بىرلا بۇيرۇق بىلەن سانسىزلىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تېزدىن «ئۇرۇش ۋاقتى» ھالىتىگە كىردى، سانسىزلىغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەڭ مەيدانىغا جىددىي ئاتلاندى، بىرىنچى سەپتە ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يىمىرىلمەس مۇستەھكەم پولات ئىستىھكاملارنى قۇردى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇستەھكەم قورغان، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە توپ ھەربىر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغان، ھەربىر قېتىم كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىغان، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان.

ھازىر بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، ھەربىر جەڭگىۋار قورغان مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلماقتا.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك؛ مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچىنى مەھەللىگە چۈشۈرۈپ، مەھەللىدە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە جەڭ قىلالايدىغان روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەڭ سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەتلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. تەشكىلات تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى، رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىنچىكە، ئەمەلىي، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلاردا مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش، خەتەرلىك پەيتتە خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە جايلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىپ، زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش؛ دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەش؛ رايون پارتىيە قۇرۇلۇشى سۇپىسىغا تايىنىپ، ئاممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش؛ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سېپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش...

پارتىيەنىڭ كۈچى ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ نەمۇنىلىك رولى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىغا ئۆتۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، تىزىمغا ئالدۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىشى، يېتەكچىلىك قىلىشتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، شۇندىلا قايىل قىلىش كۈچى، چاقىرىق قىلىش كۈچى بولىدۇ، شۇندىلا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا سىنىلار. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىدىغان سىنتاش ۋە بىلەيگە ئايلانماقتا، ئۇلار شەخسىيەتسىز ۋە قورقماس بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاشقا رازى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە بايرىقىنى جۇلالاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىماقتا.

ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەۋزەللىكى بولغاچقا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشى بولغاچقا، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك مەدىتى بولغاچقا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولغاچقا، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ