تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى −

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللە يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى، شۇنداقلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سېپى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر بازىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ خەيچياۋ مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىنى دائىرە بويىچە باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشقا تايىنىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنى دائىرىدە قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى ئارقىلىق مەھەللىنى ياخشى باشقۇرىدۇ، ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ شىمالىي يولى كوچىسى شەرقىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆيىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەھەللىدىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا سەي - كۆكتاتلارنى ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى».

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان روھىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى ما جۈنچى مۇنداق دېدى: «خەتەرلىك پەيتتە خىسلىتىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلاردا مەسئۇلىيىتىمىزنى نامايان قىلىمىز. بىز داۋاملىق سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ: كەڭ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قاتارلىقلار «يۇقۇم»غا قارشى بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئالدىن، تولۇق، ياخشى سەپلەپ بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر قىلىش قاتارلىق ئارقا سەپ مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

«ھازىر، شىركىتىمىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 توننىدىن ئاشىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىدىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ» دېدى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ يۇڭلياڭ تونۇشتۇرۇپ.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتتى.

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور بېكىتى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ھەم ئۈندىدار، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرى ۋە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئومۇملاشتۇردى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئېلزات مۇستاپا مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى توردا ۋە تور سىرتىدا يۇقۇمغا ئالاقىدار جىددىي تاقابىل تۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزىنى ئۆزى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، خەن چىنيەن، يۈ مېڭرەن، لى شىڭ، چاۋ جىن، ما يىنىڭ، جاڭ رۈيلىن، جاڭ يەنفاڭ، شيې خۇيبيەن، لياڭ لىخۇا، لۇ فېڭباۋ، يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ چيەنشى، تۇ شىن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ