تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە «باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش»لىرىنى بېكىتىش ۋە جازالاش ئاساسىنى تۇرغۇزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ماسكا، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار، دېزىنفېكسىيەلەش ۋە مىكروب ئۆلتۈرۈش بۇيۇملىرى، ئالاقىدار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى ھەمدە ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق، ماي، گۆش، تۇخۇم، سەي، سۈت قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقىرىقى تاۋارلارنىڭ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق ئەمەلىي سودىدىكى سېتىلىش باھاسى ئەسلى باھا قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ تاۋارنىڭ كىرىش تەننەرخى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ئەسلى باھادىن ئاشۇرۇپ ساتسا؛ تاۋارنىڭ كىرىش تەننەرخى ئۆزگىرىپ، سېتىۋېلىش-سېتىش پەرق نىسبىتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇنقىدىن كېڭەيسە؛ سېتىلغان تاۋارلارنىڭ سېلىشتۇرۇلىدىغان ئەسلى باھاسى يوق بولۇپ، سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى نىسبىتى %35تىن ئېشىپ كەتسە، ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى دەپ بېكىتىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تىجارەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى، خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش؛ تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ باھانى ئۆستۈرۈۋېلىشتىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى «بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە باھانى ئۆستۈرۈۋېلىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى»، «باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن جازا بېرىلىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، دەلىل-ئىسپات تولۇق بولغان باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى تەكشۈرۈپ دەلىللەنسىلا، ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى «بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش تەرتىپى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»(بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق بۇيرۇقى) بويىچە، قانۇن ئىجرا قىلىش ئالاقىدار تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئېغىرلىتىپ تېزلىكتە جازا بەرسە بولىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توپ تارقىتىش ھالقىلىرىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايوندا يۇقۇم ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ، «ئۇقتۇرۇش» ئىجرادىن ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ