تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خۇنەن چاڭشا: 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆز ئاسراش ئەينىكى ئىشلەپچىقىرىپ، «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ياردەم بېرىش!

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىپ ياساش، تەتقىقات - قوللىنىش مەركىزىدە 3D لىق كۆپەيتىش ماشىنىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چاڭشا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات - قوللىنىش مەركىزىدە، 50تىن ئارتۇق 3Dلىق كۆپەيتىش ماشىنىسى كېچە-كۈندۈز تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى ياساپ، ھەر كۈنى 200 يۈرۈشتىن ئارتۇق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى ئىشلەپچىقاردى. ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، بۇ شىركەت ئەسلىدە بار بولغان مۇكەممەل 3D لىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنى جىددىي تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان؛ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى چاڭشا شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەنگە ئېلىپ ئىجازەت بېرىشىدىن ئۆتكەن؛ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 500 يۈرۈش داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى چاڭشا ۋە خۇەيخۇاغا تارقىتىلىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ياردەم بىرىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۆ يۈگې فوتوسى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى ياسىماقتا.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ رامكىسىنى سىلىقلىماقتا.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاپ سىنىماقتا.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ رامكىسىنى ياسىماقتا.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ رامكىسىنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى