تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى بۇ سىيمالار تولىمۇ گۈزەل

  شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىم ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلىمەكتە.

  شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىم ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلىمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى) «1006-ئاپتوموبىل». فەن يۇڭ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئۆزى ۋە خىزمەتداشلىرى دېزىنفېكسىيەلىگەن ئاپتوموبىللارنى كۆڭلىدە ساناپ تۇردى. كەچ سائەت 9غىچە، فەن يۇڭنىڭ سىرتتا تۇرۇۋاتقىنىغا 11 سائەت بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتى شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەش ئىدى.

  بۇ قېتىمقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا، قومۇل شەھىرى شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتى ئادەتتىكى كۈنلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى، خىزمەتچى خادىملار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا كىرگەن ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلىدى، كەلگەن يولۇچىلارنى تىزىملىدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

  شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىم يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  ئاپتوموبىلنىڭ سىرتى، چاقى، شوپۇر ئورنى... مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىغان فەن يۇڭ پۈركۈگۈچتە ئىچكىرىدىن كەلگەن شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئەستايىدىللىق بىلەن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلىقىنى پۈركۈمەكتە ئىدى.

  غۇر-غۇر شامال توختىماي ئۇرۇلۇپ، يۈزى توڭلاپ تارتىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى ناھايىتى چاققان ئىدى. «مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئاپتوموبىلنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنىمۇ چالا قالدۇرماي، ۋىرۇسنى تازىلاش، ئىدارە بۇنچە مۇھىم خىزمەتنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، چوقۇم ياخشى ئورۇندىشىم كېرەك. بىر كۈندە پۈركۈش ھەرىكىتىنى نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىغاچقا، پۇت-قوللىرىم تېلىپ ئاغرىپ كەتسىمۇ، بىراق ھەرگىز بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى فەن يۇڭ.

  كەچتە تەكشۈرۈش پونكىتى زالىنىڭ چىراغلىرى يورۇق بولۇپ، مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى كىيگەن خىزمەتچى خادىملار بىر نەچچە يولۇچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئۇلارنىڭ سەپەر لىنىيەسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تىزىملىماقتا ئىدى. تەكشۈرۈش پونكىتىدىكىلەر شىنجاڭغا كىرىدىغان يولۇچىلارغا 24 سائەت قايناقسۇ، يېمەكلىك قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارغا قايناقسۇ بىلەن يېمەكلىك ئېلىپ كەلدى.

    «ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت، جاپا چەكتىڭىز! ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!» بىر يولۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن، رۇقىيە ئابلا بوش ئاۋازدا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە يولۇچىغا بىر ماسكا سوۋغا قىلدى. مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالغاچقا، ئۇنىڭ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىر يۇتۇم سۇ ئىچىشكەپېتىنالمايتتى. شۇ كۈنى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى زالدا 2000دىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋالغان ئىدى.

  بۇ ۋاقىتتا، رۇقىيەنىڭ ئېرى ئابدۇل قۇربان سىرتتا ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەۋاتاتتى. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئىشلەۋاتاتتى، ئەسلىدە چاغاندا قۇمۇل شەھىرىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇشنى پىلانلىغان، ئەمما يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلار داۋاملىق ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ئىدى.

  كەچ سائەت 10دا، سىرتتا 12 سائەت ئىشلىگەن ئابدۇۋارس ئاقسۇم كېچىلىك ئىسمېنىدىكى خىزمەتدىشى بىلەن ئىسمېنا ئالماشقاندىن كېيىن، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىپ ياتاققا قايتىپ، ئىككى چوڭ ئىستاكان چاينى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى. مۇداپىئە كىيىمىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ سىرتتا خىزمەت قىلغان 12 سائەتتە بىر يۇتۇممۇ سۇ ئىچمىگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساقچى ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يېڭىشىم كېرەك.

    بىردەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ قومۇل شەھىرىدىكى خوتۇنىغا تېلېفون قىلدى، يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، خوتۇنى تېخى قىرقىنى چىقىرىۋاتقان بولۇپ، خوتۇنىنىڭ قوللىشىدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە جەڭ قىلىۋاتقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە سىندا پاراڭلىشىش ئۇ ۋە خوتۇنىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرى بولۇپ قالدى. «بالام بىلەن خوتۇنۇمنىڭ يېنىدا تۇرالمىغانلىقىمدىن خىجىل بولدۇم، لىكىن خوتۇنۇم ماڭا <بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز يۇرت-ماكانىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم بولغاندىلا، ئائىلىمىز بەختلىك بولىدۇ> دېدى» دېدى ئابدۇۋارس.

  بۇ ۋاقىتتا خىزمەتچى ۋۇ لېي كەچلىك ئىسمىنىغا چىققان بولۇپ، ئۇ ۋە كېچىلىك ئىسمىنىدىكى باشقا خىزمەتداشلىرى ئىككىنچى كۈنى سائەت 10غىچە ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ كۆيۈپ يارىلانغان پىشانىسى بىلەن ئوڭ بىلىكىنى مۇداپىئە كىيمى توسۇۋالغان بولۇپ، كۆيۈكتىن قالغان جاراھەت ئىزى يەنىلا روشەن ئىدى.

    يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، ۋۇ لېي يولۇچىلارغا قايناقسۇ بىلەن يېمەكلىك يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۇ خىزمەتچى خادىملارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان، شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىلدىكىلەرگە قايناقسۇ ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا، بىر يولۇچى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئېچىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن چايداننى ئۆرۈۋەتتى، ئۇ قايناقسۇدا كۆيۈپ يارىلاندى. ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى تېببىي خادىملار ئۇنىڭ يارىسىنى ئاددىيلا تېڭىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە خىزمەت ئورنىغا قايتتى.

    «كىچىككىنە يارا ھېچ گەپ ئەمەس، بۇ ۋاقىتتا بىر ئىش ئورنىدا پەقەت بىرلا ئادەم بار، ھەممەيلەننىڭ ئىش ئورنى ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرماسلىقىم كېرەك» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كەچ سائەت 10 بولغاندا، رۇقىيە ئىشتىن چۈشۈپ مۇداپىئە كىيمىنى سېلىۋېتىپ، ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن تۆتىنچى كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولغاچقا، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم ھەر كۈنى ئىش ئورنىمىزدا ئۇدا ئون نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاپ، ماسكا تارقاتتۇق.

  شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتى چوڭ زالىدا، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىڭشىڭشيا جامائەت خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى جاڭ لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ھەر كۈنى 1000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتىدىكەن، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن تۆتىنچى كۈنىگىچە ھەر كۈنى 5000-6000 ئاپتوموبىل، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كىرىپ-چىققان. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، پونكىتتىكى 103 خىزمەتچى ئىش ئورنىدىن ئايرىلمىغان، باشتىن-ئاخىر «بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىر ئاپتوموبىلنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق» خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمقا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىپ، سىرتتىن شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقان. (سۈرەتنى قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ