تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى

باشقىچە «ئاق خالاتلىق جەڭچى»لەر:

داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋلۇڭ، ئامان

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باشقىچە «ئاق خالاتلىق جەڭچى»لەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ماتېرىيال چۈشۈرۈش زالىدا داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ يۆتكەش تۇڭلىرىنى توشۇماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋلۇڭ فوتوسى)

چاڭ - توزان، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، شاۋقۇن بۇلار فېڭ تاۋنىڭ كەينىدىكى سېخ تېمىغا ئېسىلغان ئۈچ «كەسىپ خەۋپىنى ئۇقتۇرۇش تاختىسى»دىكى ئەسكەرتمىلەر ئىدى.

36 ياشلىق فېڭ تاۋ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ چارلاپ تەكشۈرگۈچىسى. مۇخبىرلار بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە فېڭ تاۋنى كۆرگىنىدە، ئۇ ئۈستىگە ئاق رەڭلىك مۇداپىئە كىيىمى، بېشىغا قىزىل رەڭلىك بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەن بولۇپ، كۆز قوغداش ئەينىكى بىلەن ماسكا ئۇنىڭ يۈزىنى چىڭ توسۇپ تۇراتتى.

فېڭ تاۋنىڭ يېنىدا ئېگىزلىكى ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان ئىككى پىرولىزلاپ كۆيدۈرۈش ئوچىقى بار ئىدى. بۇ كۆيدۈرۈش ئوچاقلىرىدىكى ئوت يالقۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1000 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك داۋالاش تاشلاندۇقلىرى كۆيدۈرۈلۈۋاتاتتى.

يەتتە باسقۇچلۇق بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئارقىلىق، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان گازغا ئايلىنىدۇ، ئاخىرىدا پەقەت %0.07 قىسمىلا داشقال بولۇپ قالىدۇ، داشقال چىلاپ زەھەرسىزلەندۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كۆمۈۋېتىلىدۇ.

«خىزمەت ۋاقتىدا ئىمكانقەدەر تاماق يېمەيمىز، سۇ ئىچمەيمىز، ھاجەتخانىغا چىقمايمىز.» فېڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ئەگەر تاماق يېسەك ياكى ھاجەتخانىغا چىقماقچى بولساق، يېڭى مۇداپىئە كىيىمىنى ئالماشتۇرغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ سانى چەكلىك، قانچىلىك تېجىيەلىسەك شۇنچىلىك تېجىشىمىز كېرەك.

سېخنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئاستى - ئۈستى قوشۇلۇپ ئۈچ قەۋەت. فېڭ تاۋ بۇ يەردە ئۇدا سەككىز سائەت ئىشلىسە، 30 - 20 مىڭ قەدەم ماڭىدۇ.

ماسكىدىن چىققان ھور فېڭ تاۋنىڭ كۆز قوغداش ئەينىكىنى ھوردىتىۋەتكەنىدى، ئۇ نۇرغۇن چارە قوللىنىپمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالماپتۇ. سول مەيدىسىگە ئېسىلغان قىسقا مۇساپىلىك سۆزلىشىش ئاپپاراتى پات - پات سايراپ تۇراتتى، فېڭ تاۋ مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كىيىۋالغاچقا، تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەن بۇيرۇقنى تەستە پەرق ئېتەتتى.

«ئىدارە بىزنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىمىزدىن، ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىز ئۆيدىكىلەرنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۆيگە قايتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدۇق.» چاغاننىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ، فېڭ تاۋ ۋە ئۇنىڭ 31 خىزمەتدىشى كېچە - كۈندۈز بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە نۆۋەتچىلىك قىلدى. بەش ياشلىق قىزى گو گو تىلغا ئېلىنغاندا، فېڭ تاۋنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى، بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، پەقەت كۆز قوغداش ئەينىكىدىكى ھور تېخىمۇ كۆپەيگەنىدى.

پۈتكۈل بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان رايون بەشىنچى قەۋەت بولۇپ، ئۇ يەر داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى ۋاقىتلىق ساقلاش ئامبىرى ئىكەن.

تۇڭغا لىق قاچىلىنىپ پېچەتلەنگەن داۋالاش تاشلاندۇقلىرى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، لىفىت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ماتېرىيال چۈشۈرۈش زالىدىن ئۇدۇل بەشىنچى قەۋەتتىكى ۋاقىتلىق ئامبارغا يەتكۈزۈلىدىكەن. داۋالاش تاشلاندۇقلىرى قاچىلانغان بۇ سېرىق تۇڭلار ۋاقىتلىق ساقلاش ئامبىرىدىكى ماتېرىيال توشۇش ئىشچىلىرى ۋە ماتېرىيال قاچىلاش ئىشچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئەڭ ئاخىرىدا ئوت يالقۇنى چىقىپ تۇرغان كۆيدۈرۈش ئوچىقىغا تاشلىنىدىكەن.

46 ياشلىق خېنەنلىك ليۇ يۈنخې ماتېرىيال توشۇش ئىشچىسى، ئۇ گەرچە پۈتۈن مەركەزدىكى ئەڭ ياخشى مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قەۋەت مۇداپىئە پەلىيى ئارقىلىق، ھەر خىل داۋالاش تاشلاندۇقلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەن.

بۇ يەرگە ئىككى ئىشچىدىن سىرت، ھەرقانداق كىشىنىڭ يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ليۇ يۈنخې سىرت بىلەن پەقەت قىسقا مۇساپىلىك سۆزلىشىش ئاپپاراتى بىلەنلا ئالاقىلىشەلەيدىكەن، ئالتە - يەتتە ئېكران ئېسىپ قويۇلغان بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ باش كونترول ئۆيىدە، خىزمەتچى خادىملار نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش كامېراسى ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.

ۋاقىتلىق ساقلاش ئامبىرىدىكى ئىشنىڭ ھەممىسى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش، ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشكەندە، ليۇ يۈنخېنىڭ مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنىڭ ئىچىدىكى كىيىملىرى تەردىن ھۆل بولۇپ كېتىدىكەن. ليۇ يۈنخې بۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلمايدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا كىچىك تەرىتى قىستاپ قېلىش ئىكەن. بەزىدە بىر يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمىنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن، چىداپ ھاجەتخانىغا چىقمىغاندا، بىئارام بولغىنىدىن ليۇ يۈنخېنىڭ پۇتلىرى تىترەپ كېتىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 9000 توننا داۋالاش تاشلاندۇقىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن.

2014 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنى شىنجاڭ خۇيخې خەنياڭ مۇھىت قۇرۇلۇشى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە ئىجازەت بىلەن باشقۇرۇپ كەلگەن. شىركەت مەسئۇلى خې خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر كۈنى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى تەخمىنەن 14 توننا بولۇۋاتىدۇ. «ئاپتونوم رايون جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بىز داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا <كۈندە ئېلىپ كېلىنگەنلىرىنى شۇ كۈنىلا بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش>نى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە نورمال ئىشلەۋاتقان داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىدىن جەمئىي 20سى بار بولۇپ، ھەر كۈنى بىر تەرەپ قىلىدىغان داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 60 توننا كېلىدىكەن. 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي بىر تەرەپ قىلىنغان داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنىڭ مىقدارى جەمئىي 1100 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.

«يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى قاتتىق تاشلاندۇق ۋە خىمىيەۋى بۇيۇملار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ چۈن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ