تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىدىغان قىلىش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاساسىي قاتلامدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچ. ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، كېسەل بىلەن ئېلىشىشتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يەڭگىل جابدۇندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندۇرۇش بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىدىغان قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بىر قىسىم ئورۇنسىز ئىشلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان، ئامما تىزگىنلەيدىغان قاتتىق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىدىغان قىلىش كېرەك.

«يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە». بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، رايون، ناھىيە، كوچا - بازار، شەھەر - يېزا، مەھەللە قاتارلىق مۇداپىئە تورىنى قۇرۇش، تاكامۇللاشتۇرۇشتىن تارتىپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، تەربىيە بېرىپ تارقاقلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكىچە كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، جاپالىق، مۈشكۈل بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىر قىسىم جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرى كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ تىپىك بولغىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەكرار - تەكرار ھەر خىل جەدۋەللەرنى تولدۇرغۇزۇش بولدى. بەزى جايلاردىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق ئىدارىسى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىر ياكى بىرنەچچە جەدۋەل تۈزۈپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تولدۇرۇشىنى ھەم تېزدىن يوللىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ جەدۋەللەرنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بىرمۇ ھۆججەت، بىرمۇ تارماقنىڭ ئاساسىي قاتلام جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ھېچبولمىغاندا بىرەر ماسكا، بىرەر قۇتا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگىنى يوق، يەنە ھەر خىل نامدىكى تەكشۈرۈش، تەكرار تەكشۈرۈش، توپلىشىپ تەكشۈرۈش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقتى ئىگىلىنىپ، زېھنى چېچىلىپ كەتمەكتە.

شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ چوڭ دۈشمىنى. بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئەمەلىي بولۇش، پۇختا بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر، ئاساسىي قاتلامدا تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك، ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىدە مۇبادا ساختىپەزلىك قىلىنسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۈزەكىلىكنىڭ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرمەسلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھۆججەتنى ھۆججەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماسلىقتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئۇسۇلى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زېھنىنى خورىتىۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. قوشۇن شەھەرگە قانچە قىستاپ كەلگەنسېرى، خالىغانچە قوماندانلىق قىلىشقا، خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، سىياسەت - پەرمانلارنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغان، تار مەھكىمىچىلىكى ئېغىر بولغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەندىن سىرت، قىلمىشى ئېغىر بولسا يەنە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا بىر دەرىجىنىڭ بىر دەرىجىگە تېگىشلىك ۋەزىپىسى، بىر قاتلامنىڭ بىر قاتلامغا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن ھەمكارلىشىپ ئۇرۇش قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالىماي، يۈزەكى ئىش قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، زىددىيەتكە يولۇققاندا يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەسىلە چىقسا، كالتەكنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشنى تۆۋەنگە «چۆرۈپ بېرىش»تۇر. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەزمەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس بولۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلىدىغان قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىر، ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش.» ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش - قىلماسلىقىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىدىغان قىلغاندىلا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پولات سېپىلىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەيدان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە تېزدىن غەلىبە قىلالايمىز.

(2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ