تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، BRT كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇردى

  ئاپتوبۇسلارنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، BRT بېكەت سۇپىسىنى توختىماي دېزىنفېكسىيەلەش...

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، BRT كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۇ رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى يۈلىن، ئەن تاۋ خەۋىرى، فوتوسى): ئىككى كۈندىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، BRT لارنى دېزىنفېكسىيەلەپ، ھاۋاسىنى ئالماشتۇردى ھەمدە بېكەت سۇپىسىنى توختىماستىن دېزىنفېكسىيە قىلدى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈرلۈك، ئىنچىكە، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر يولۇچى ترانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»ىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، بۈگۈن (2-ئاينىڭ 8-كۈنى)دىن باشلاپ كۆپ تەرەپلىمىلىك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىكەن.

  ئالدى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىغا ماسلىشىپ ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئىچى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس مەيدانى - بېكەتلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چاپلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىجارەت ئاپتوموبىللىرى، خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  BRT شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى ئاساسلىق قاتناش قورالى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ يۇقۇمنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى باشلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىلمىي تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەتتە لىنىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا «بالدۇر مەيداندىن چىقىش، كەچ ئىشتىن چۈشۈش» ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىش ئېلىپ باردى ھەمدە ئاپتوموبىل بېكىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى توختىماي دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بىرىنچى سەپتىكى شوپۇرلارنىڭ ئەمگىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ ھەر قايسى بېكەتلەرنىڭ تەشۋىقات تاختىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. چاغانلىق يولۇچى توشۇشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتناشقان بىرىنچى سەپتىكى خادىملارغا ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى سەپلەپ بەردى ھەمدە باشقۇرغۇچىلاردىن بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، قىزىش قاتارلىق گۇمانلىق ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، ئەھۋالنى ئىز قوغلاپ، جەزىملەشتۈرگەن ھامان دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ