تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىلدى

  يەتتە كارخانا دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ يېشىل يول ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

  داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ): يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تېزدىن داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكا مەھسۇلاتلىرىنى تىزىملاپ، ئەنگە ئېلىپ، كارخانىلارغا يېڭىدىن يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، يەتتە كارخانا يېشىل يول ئارقىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئىككى كارخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقارماقتا.

  بۇ يەتتە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى، توققۇزتارا ناھىيەسى جۇڭكاڭ داۋالاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى، گۇما ناھىيەسى خېئەن سودا چەكلىك شىركىتى، شايار ناھىيەسى شېنۋېي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭشا ياڭگۇاڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار.

  «يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش، بازارغا سېلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكىنى تېزدىن تىزىملىتىش ۋە ئەنگە ئېلىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان كارخانىلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، دەرھال نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى دەرھال بېجىرىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، يەتتە خىزمەت كۈنىدە تاماملىدى.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭ.

  شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى، توققۇزتارا ناھىيەسى جۇڭكاڭ داۋالاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن سىرت، باشقا كارخانىلار ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ، خام ئەشيا - ماتېرىياللارنى سېتىۋالدى، يېقىندا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ