تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدىكى پىدائىيلار ھەرىكەتتە

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۇن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شياۋشۆ): «خاڭگانىڭ تىكەنلىكلىرىنى تاللايمىز، لازىنىڭ قورۇلمىغانلىرىنى تاللىساق ساقلىغىلى بولىدۇ!» دېدى ليۇ ليەنفاڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) پويىز ئىستانسىسى غەربىي بېكىتى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پاراۋوز ئۇچاستىكىسى غەربىي مەھەللە ۋېنشىن ئولتۇراق رايونىدىكى كۆكتات دۇكىندا ئاھالىلەرگە كۆكتات سېتىۋالغاچ. تەپسىلىي ھېسابات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ خالتا-خالتا يېڭى كۆكتاتلارنى كۆتۈرۈپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ليۇ ليەنفاڭ پويىز ئىستانسىسى غەربىي بېكىتى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سەنشىۋۇخۇ يولى مەھەللىسىدىكى بىر شىپاخانىنىڭ دوختۇرى شۇنداقلا ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)لۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قوبۇل قىلغان پىدائىي.

يېقىندا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە جىددىي پىدائىي قوبۇل قىلىش چاقىرىقى چىقاردى، قوبۇل قىلىنغان پىدائىيلار مەھەللە، دوختۇرخانا قاتارلىقلاردا كەسپىي داۋالاش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، تەرتىپنى قوغداش، پىسخىكىلىق يeتەكلەش قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇلازىمىتىگە ياردەملىشىدىكەن.

قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ليۇ ليەنفاڭ دەرھال تىزىمغا ئالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بىر دوختۇر، مەن تېببىي بىلىملىرىمدىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىككە يۇقۇمنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش-مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بېرەلەيمەن».

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلغان 30 پىدائىي رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتى، بەش پىدائىي بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئالتە رايون، نۇقتىلارغا بۆلۈنۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

خىزمەتكە چىققان بىرىنچى كۈنى، ليۇ ليەنفاڭ مەھەللىگە ئەتىگەندىلا يېتىپ كېلىپ، ئاھالىلەرگە كۆكتاتلارنى سېتىۋالدى، تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دېزىنفېكسىيەلەش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى.

20 ياشلىق سۈبىھنۇر ئۆمەر ئالىي مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، پىدائىيلار جىلىتكىسىنى كىيگەن تۇنجى كۈندىلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خەيبىڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلدى.

«دەۋرىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنداق ۋاقىتتا مەن چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىشىم كېرەك» دېدى سۈبىھنۇر، ئۇ ئادەتتە مەكتەپتە پىدائىيلار پائالىيىتىگە قىزغىن قاتنىشىدۇ، ئۇ ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى.

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يىشاڭ مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ 29-كۈنى قوبۇل قىلىش باشلاندىن كېيىن، قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە جەمئىيەتتىكى 150دىن ئارتۇق ھەر ساھە  كىشى تىزىملاتتى. «نەگىلا بارسام مەيلى، مېنىڭ كۈچۈم بار»، «ياردەم قىلالىساملا، نېمە ئىش قىلسام مەيلى»... نۇرغۇن پىدائىي تىزىمغا ئالدۇرغاندا شۇنداق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ