تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يەتتە تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شەھەر بويىچە بازار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېۋە بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماقتا، سۈرەتتە ياخشى يۇرت تاللا بازىرىنىڭ ياشلار يولى دۇكىنىدا سېتىلىۋاتقان مېۋىلەرنىڭ باھاسى ئەرزان بولدى.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن) 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتتە تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شەھەر بويىچە بازار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكىلەر كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرگەن بولسىڭىز، سۆھبەتكە چاقىرىتىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

ھازىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت نازارەتچىلىكى باشقارمىسى يەتتە تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى پۈتۈن شەھەردىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەن، يەتتە تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەر قايسى رايون(ناھىيە)دىكى ئىدارىلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سودا ساراي، تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنى توپ سېتىش باھاسىنىڭ %15 ئىچىدە كونترول قىلىپ، باھا ئۆرلەش قىلمىشىنى مەنبەسىدىن توسۇپ، ئىستېمال ئەرزلىرىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەيدىكەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنىڭ كۆكتات، مېۋە باھاسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىر كۆكتات توپ سېتىش بازىرى، 10 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى(توپ ۋە پارچە سېتىش قوشۇمچە تىجارىتى)، ئالتە چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ ئاساسىي كۆكتات ۋە ئادەتتىكى تۈردىكى مېۋىلەرنىڭ(يۇقىرى دەرىجىلىك كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) باھاسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك توپ سېتىش بازىرىدا كۆكتات يېتەرلىك ئىكەن، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3800 توننا كۆكتات سېتىلىدىكەن، زاپاس مىقدارى 2000 توننا ئىكەن، 420 توننا مېۋە سېتىلىدىكەن، زاپاس مىقدارى 10 مىڭ توننا ئىكەن، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئىلگىرىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 17گىچە، شەھەر بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى 207 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى(سودا) بازىرى، 234 سودا ساراي(تاللا بازىرى)، 140 ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى(تور بېكىتى)، تۆت جايدىكى گۈل، قۇش بازىرى، بىر ئەرمەك ھايۋانلار بازىرى، 331 كۆكتات(ئاشلىق، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر) دۇكىنى، 35 ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنى، 56 تور سودا دۇكىنى، 747 دورا تىجارىتى ئورنىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئادەم زىچ توپلانغان سورۇنلاردا يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن نەق مەيداننى تەكشۈرگەن.

ھازىرغا قەدەر، تۈرلۈك بازارلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى(خادىملارنى ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ، ئاپتوموبىلغا چىققان-چۈشكەندە دېزىنفېكسىيە قىلىشقا دەۋەت قىلدى) ئاساسەن ياخشى بولغان؛ شەھەر بويىچە 23 ياۋايى ھايۋانلار سودىسىغا چېتىلىدىغان بازارلار، سورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە تىجارەت قىلىنمىغان، بازار تاقالغان؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تور سودىسى سۇپىلىرى ۋە تور بېكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى توردا قانۇنغا خىلاپ سېتىش، شۇنىڭدەك ئوۋ ئوۋلاش قوراللىرىنى سودىلىشىش قىلمىشلىرى ۋاقتىنچە بايقىمىدى، تور يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى ئورۇنلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان يېمەكلىكنى سېتىش ئەھۋالىمۇ بايقالمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ